باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«زەھەر مەنئىي قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» ئېلان قىلىندى

2014.07.07 09:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «زەھەر مەنئىي قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: رايونلار، ئالاقىدار تارماقلار زەھەر مەنئىي قىلىش خىزمىتىنى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى ۋە تىنچ ئامان جۇڭگو، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، «مەنبەسىدىن تۈزەش، ئادەمنى ئاساس قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، قاتتىق باشقۇرۇش، ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەش» ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئاساسەن، «ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەش، تېرىشنى، ياساشنى، سېتىشنى، چېكىشنى مەنئىي قىلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش»تەك خىزمەت فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ھازىرغا قارىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆپ تەرەپلەر بىرلىكتە باشقۇرۇپ، زەھەر مەنئىي قىلىش خىزمىتى تۈزۈلمە مېخانىزمىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، زەھەر مەسىلىسىنى تىزگىنلەش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زەھەر مەنئىي قىلىش خەلق ئۇرۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەر مەسىلىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرغا قويۇلدى: 2020-يىلىغىچە، پۈتۈن خەلق زەھەر مەنئىي قىلىش ئېڭىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىش؛ زەھەر تاشلاش سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، زەھەر تاشلاتقۇزۇش، زەھەر چەككۈچىلەرنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش؛ چېگرا سىرتىدىن ئەتكەس قىلىنغان زەھەرنىڭ كىرىشى، دۆلەت ئىچىدە ياساپ سېتىش ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش، زەھەر مەسىلىسى ئېغىر رايونلار ۋە گەۋدىلىك زەھەر مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش؛ زەھەر مەنئىي قىلىش خەلقئارا ھەمكارلىقنى ھەقىقىي قانات يايدۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى زەھەر مەنبەلىرىنىڭ ئېلىمىزگە زىيان يەتكۈزۈشىنى ئازايتىش؛ زەھەر مەنئىي قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ئالاقىدار تارماقلار بىرلىكتە باشقۇرۇش، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىشتەك زەھەر مەنئىي قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان قېلىپىنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈش، زەھەر تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، زەھەر مەنئىي قىلىش مەخسۇس كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، تۈرلۈك كاپالەت تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش، قانۇن نىزاملارنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈش، زەھەر مەنئىي قىلىش كۈرىشىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ھەقىقىي قولغا ئېلىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. زەھەر چەككۈچىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش لازىم. زەھەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. زەھەر ئىشلەپچىقىرىش خىمىيىۋى بۇيۇملىرى ۋە ناركوز دورىلىرى، نېرۋا دورىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. زەھەر مەنئىي قىلىش خەلقئارا ھەمكارلىقنى ھەقىقىي قانات يايدۇرۇش لازىم.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: رايونلار، ئالاقىدار تارماقلار زەھەر مەنئىي قىلىش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، زەھەر مەنئىي قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشى، زەھەر مەنئىي قىلىش خىزمىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىشى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر