باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىستىل قۇرۇلۇشى تەلىپىنى پارتىيەنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈش كېرەك

2014.07.01 13:57         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 30 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئىستىل قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىش بويىچە 16 – قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىستىلنى تۇتۇش پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى، شۇڭا پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى تەلىپىنى پارتىيەنىڭ ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىستىلنى تۇتۇشتا ھەم ھازىرقى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەم ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۈچ سەرپ قىلىپ، داۋاملىق تىرىشىپ، ئاخىرغىچە بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 93 يىللىقى ھارپىسىدا، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مەملىكىتىمىزدىكى بارلىق كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيە خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى.

  بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پۈتكۈل پارتىيە، شۇنداقلا ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىدا قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمى مۇئاۋىن باشلىقى چېن شى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى، خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ بېنشۈن ‹‹رەھبەرلىكتىن ئىبارەت مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىستىل، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتايلى›› دېگەن تېمىدا، گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ كېجى ‹‹ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ياخشىلايلى ۋە كۈچەيتەيلى›› دېگەن تېمىدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى شۈ شاۋشى ‹‹تۈزۈلمە، مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، <تۆت خىل ناچار ئىستىل>نى نېگىزدىن تۈزەشنى كۈچەيتەيلى›› دېگەن تېمىدا، دۆلەت سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاڭ ماۋ ‹‹قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىستىل يېتىلدۈرۈپ، تۈزۈم ئىجراسىنى كۈچەيتەيلى›› دېگەن تېمىلاردا تونۇشى ۋە تەسىراتىنى سۆزلىدى.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىگە ئېرىشىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە مۇقەررەرلىكىگە بولغان تونۇشى ئۆستى. پارتىيە ئىستىلى پارتىيەنىڭ ئوبرازى، بۇ كىشىلەرنى مايىل قىلىش – قىلالماسلىقىغا، پارتىيەنىڭ ھايات – ماماتىغا چېتىلىدۇ. پارتىيەمىز جۇڭگودىكى ئۇزاقتىن بۇيان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىستىل مەسىلىسىگە ھەر قانداق ۋاقىتتا بىپەرۋالىق قىلسا بولمايدۇ. ئىستىل مەسىلىسىنى تۇتۇش بىلەن تۇتماسلىق ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق بار، بوشراق تۇتۇش بىلەن چىڭراق تۇتۇشمۇ مۇتلەق ئوخشىمايدۇ. پەقەت ھەقىقىي تېگىش قىلىپ، قاتتىق ئۇرۇش قىلغاندىلا، ئاندىن ئىستىل جەھەتتىكى جاھىل كېسەللەرنى داۋالاپ، خەلقنى رازى قىلغۇدەك ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئىستىل مەسىلىسىنىڭ يادروسى پارتىيەنىڭ ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مەسىلىسىدىن ئىبارەت. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ماركسىزملىق ئاممىۋى قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي مەقسەت ۋە ئاخىرقى نىشاننى ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئەڭ ياخشى رېئاللاشتۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى كاپالەتلەندۈرۈشكە، تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلقنى كۆزلەش، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇشقا قارىتىپ، ئىستىلنى ياخشىلاش جەريانىنى پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش جەريانىغا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشقا تۈرتكە بولۇش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز 93 يىلدىن بۇيان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مۈشكۈل ۋە جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئىنقىلاپ، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەقدىرىدە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىدە مىسلىسىز شانلىق ئىستىقبالنى نامايان قىلدى. ئەمەلىيەت پارتىيەمىزنىڭ ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشتا چىڭ تۇرىدىغان، ئىلغارلىق ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان پارتىيە، بارلىقىمىز خەلق ئۈچۈن دەيدىغان، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە، تۈرلۈك خەۋپ خەتەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز پىشىپ يېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان پارتىيە ئىكەنلىكى، باشتىن – ئاخىر پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىسللەت خەلققسە رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغان ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرىدىغان يادرولۇق كۈچ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىمىز قانچىكى چوڭ بولغانسېرى، خەلقنىڭ ئالقىش سادالىرى شۇنچە كۈچىيىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، پارتىيەنىڭ تارىخى ۋە ئەمەلىيىتى، ئەۋزەللىكى ۋە يېتەرسىزلىكى، نەتىجىسى ۋە كەمچىلىكلىرى، زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ، پارتىيەنى ھەقىقىي ياخشى باشقۇرۇشىمىز، ياخشى قۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كومپارتىيە ئەزالىرىدىكى ئەندىشە ئېڭى دەل پارتىيەنىڭ، دۆلەتنىڭ، خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش ئېڭى بولۇپ، بۇ بىر خىل مەسئۇلىيەت، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل يۈك. پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىنىقى، بازار ئىگىلىكى سىنىقى، تاشقى مۇھىت سىنىقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى، پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن مەنىۋى جەھەتتىكى بوشاڭلىق خەۋپى، ئىقتىدارسىزلىق خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق، چىرىكلىشىش خەۋپىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە كەسكىنلىكىنى، ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېڭىلاش، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ خەتەرنىمۇ ئويلىشىمىز كېرەك. پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلارنى، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ‹‹ئىككى بولسۇن››دا چىڭ تۇرۇش، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش، ھازىرقى ئەھۋالدىن قانائەتلەنمەسلىك، قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولماسلىق، كۆز ئالدىدىكى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ، يىراق كەلگۈسىگە سەل قارىماسلىق، زىددىيەتلەرنى يوشۇرماسلىق، مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىق، مەنپەئەتكە بېرىلمەسلىك، ھەشەمەتچىلىك قىلماسلىققا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئالدى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىش كېرەك. ‹‹ئىككى يۈز يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشتىكى ئىلگىرىلەش يولىمىزدا تۈرلۈك خەۋپ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى يېڭىشىمىزدىكى مۇھىم ھالقا پارتىيەدە. پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىلمىي ئىدىيە تۇرغۇزۇش، ئىسلاھاتتا پائال يېڭىلىق يارىتىش، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش تەپەككۇرىغا ئاساسەن، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەمىزنى بارغانسېرى يېتىلدۈرۈپ ۋە قۇدرەت تاپقۇزۇپ، جەڭگىۋارلىققا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. بۇ پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ، ئالدى بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكىلەرنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە جەزمەن ياخشى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتى يارىتىش، يەنى ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بولۇشى كېرەك. ياخشى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتى يارىتىشنى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن، ئالدى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلاردىن باشلاش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېتىقادى، پەزىلىتى ۋە ئەمەلىي خىزمىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى؛ ساپ دىل ۋە ئوچۇق – يورۇق بولۇپ، يۇقىرى – تۆۋەنگە راست، ھەقىقىي سۆزلىشى؛ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، قائىدىگە ئەمەل قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى بويىچە ئىش قىلىشى؛ تەرتىپ – ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەر قانداق ناتوغرا ئىستىلغا دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى؛ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، پاك، دۇرۇس بولۇپ، ھوقۇقنى توغرا يۈرگۈزۈپ، تۈرلۈك ئېزىقتۇرۇشلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، پائالىيەتنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، رەھبەرلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پائالىيەتتە ئەمەلىي ئۈنۈم ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى چوڭقۇرلاشقانسېرى تەرتىپكە سېلىش، ئۆزگەرتىش مەسىلىسىمۇ مەركەزلىشىدۇ، ھالقىمۇ ھالقا تۇتقاندىلا، ئاخىرقى مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. مەسىلىنىڭ سەۋەبى، نەتىجىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئاساسىدا، يۇقىرى، تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تەشەببۇسكار بولۇشقا تېگىشلىك ئىشلاردا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تەشەببۇسكار بولۇش، تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلار تەشەببۇسكار بولۇشقا تېگىشلىك ئىشلاردا تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلار تەشەببۇسكار بولۇش، يۇقىرى، تۆۋەن ئورتاق لايىھە تۈزۈشكە تېگىشلىك ئىشلاردا يۇقىرى، تۆۋەن بىرلىكتە لايىھە تۈزۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە، ئىستىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دائىملىق خىزمەت، جەزمەن ئىنچىكە تۇتۇش، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كۈچەش كېرەك. ئىسلاھات روھى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەركەزنىڭ تەلىپى، ئاممىنىڭ ئۈمىدى، ئەمەلىي ئېھتىياج، يېڭى تەجرىبىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق، مۇكەممەل تۈزۈم سىستېمىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، پولاتتەك تۈزۈم، بەلگىلىمە ۋە قاتتىق تۈزۈم ئىجراسى ئارقىلىق، ئىستىلنى ياخشىلاشنىڭ قېلىپلىشىشى، دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل›› مەسىلىسىنىڭ قايتا ئەۋج ئېلىشىنى ھەقىقىي توسۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر