باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

‹‹ئوچۇق خەت جەڭگىۋارلىق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئەيىبنامە ئىكەن››

2014.07.01 13:47         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلار ‹‹مەڭگۈ سۈكۈت قىلماسلىق بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىز›› ناملىق ئوچۇق خەتنى ئالقىشلىدىخې جىن

  ‹‹ھەرىكەتكە كېلەيلى، ئەقىل – پاراسىتىمىزگە تايىنىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن ئىبارەت زەھەرلىك ئۆسمىنى يىلتىزىدىن يوقىتايلى، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، سەمىمىيىتىمىز بىلەن گۈزەل ئەتىمىزنى كۈتۈۋالايلى››. 15 داڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىر، ئوبزورچى ۋە تەرجىمان 25 – ئىيۇن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى يېتىلىۋاتقان 200 نەچچە يازغۇچى، شائىر، ئوبزورچى، تەرجىمان بىلەن بىرلىكتە ‹‹مەڭگۈ سۈكۈت قىلماسلىق بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىز›› ناملىق ئىمزالىق ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى قاتتىق ئەيىبىلدى.

  ئوچۇق خەت ‹‹خەلق›› تورى، ‹‹شىنخۇا›› تورى، ‹‹سىنا›› تورى، ‹‹تېڭشۈن›› تورى قاتارلىق مەملىكەت ئىچىدىكى ئاساسلىق تور تاراتقۇلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى. نەچچە يۈز مىڭ تورداش ئۇيغۇر شائىرلار بىلەن يازغۇچىلارنىڭ زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا بىلدۈرگەن ئېنىق پوزىتسىيەسىنى بەس – بەستە ئالقىشلىدى ھەم مىللەتنىڭ غېمىنى يەيدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان قايناق مۇھەببىتىنى مەدھىيەلدى. شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رىجاۋ شەھىرىدىكى مەلۇم تورداش مۇنداق دەپ سۆز قالدۇرۇغان: ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق پەيتتە، بۇ ماقالە ناھايىتى ۋاقتىدا ھەم ياخشى يېزىلىپتۇ، ماقالىنىڭ شېئىرىي سۆز – ئىبارىلىرىدە ئەدىبلەرنىڭ قىزغىن مۇھەببىتى نامايان قىلىنىپتۇ، ئۇيغۇرلار يەنىلا ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىتتىپاق، دوستانە، تىنچلىقنى سۆيىدىغان ھەم ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ئەزاسى. ھازىر بىر ئوچۇم تېررورچىلار جىنايى قىلىمىشلارنى سادىر قىلىپ، بىر مىللەتنىڭ نامىنى سېتىپ، ئۇنىڭغا قارا چاپلىماقچى بولۇۋاتىدۇ، سۆيۈملۈك قېرىنداشلار، ھوشيارلىقىمىزنى جەزمەن ئاشۇرۇپ، دۈشمەن بىلەن دوستنى ئېنىق ئايرىشىمىز كېرەك، دۈشمەننىڭ قىلىتىقىغا چۈشۈپ، دوستنى يىغلىتىپ، دۈشمەننى كۈلدۈرىدىغان ئەخمىقانە ئىش قىلىشقا بولمايدۇ››.

  ‹‹بۇ باھاردا ئۇيغۇرلىرىمىز قانداقمۇ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ، ئەركىن – ئازادە يۈرەلىسۇن؟ بىزگە قاراۋاتقان كۆزلەردە گۇمانىي قاراشنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ھېلىھەم ھېس قىلىۋاتىمىز: شىنجاڭغا نېمە بولدى؟ سىلەر زادى نېمە بولدۇڭلار؟... ھەر بىر ئۇيغۇر بىلىپ – بىلمەي ئۇلارغا باغلىنىپ قالدۇق ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچلۇق قارىشى، ھاقارىتىگە دۇچار بولدۇق، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ جېنىمىز ۋە تېنىمىز ئوخشاشلا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ، دىلىمىز يارىلاندى...›› ئوچۇق خەتنىڭ ھەر بىر سۆز – جۈملىسىدە زوراۋانلارنىڭ قەبىھ جىنايىتى ئەيىبلەندى. بېيجىڭدا ئىشلەيدىغان مەلۇم تورداش مىكرو بىلوگىدا مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭ مېنىڭ يۇرتۇم، قەلبىمدىكى ئەڭ گۈزەل ماكان! نۇرغۇن دوست – بۇرادەرلىرىم شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىپلا، بۇ يەرنىڭ ئۆزىنى جەلپ قىلىۋالغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. ئەمما ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھەرقېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى ئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارىغا داغ تەگكۈزدى، كىشىلەر زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى تىلغا ئالغىنىدا تەنلىرى شۈركىنىدۇ. ھەقىقىي شىنجاڭلىق تىنچلىقنى، ھاياتنى سۆيىدۇ، بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغانلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۈشمىنى››. گۇاڭجۇدا ئىشلەۋاتقان تورداش مۇنداق باھا بەردى: ئوچۇق خەتنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەڭگىۋارلىق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئەيىبنامە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ئوچۇق خەتنىڭ ھەر بىر سۆز – جۈملىسى خۇددى زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ يۈرىكىگە قادالغان ئۆتكۈر خەنجەرگە ئوخشايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر