باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

چوڭ قانال بىلەن يىپەك يولى دۇنيا مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى(2)

2014.06.23 20:53   مەنبە: خەلق تورى

چوڭ قانال بىلەن يىپەك يولى دۇنيا مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى(2)


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو بۇ يىللىق دۇنيا مىراسىغا ئىلتىماس قىلىشتا قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى: چوڭ قانال ‐‐ دۇنيادا ھازىرغىچە ساقلانغان ئەڭ ئۇزۇن سۈنئىي قانال، يىپەك يولى ‐‐ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن مەدەنىيەت مىراسى لىنىيەسى. بەش مىڭ يىللىق تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چوڭ قانال بىلەن يىپەك يولىنىڭ دۇنيا مىراسىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ‐‐ تارىخنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتنى قوغداشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، دۆلەت ھالقىپ ئىلتىماس قىلىش ‐‐ ھازىرقى دۆلەتلەر ئارا مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئۈلگىسى ھېسابلىنىدۇ.

  6-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو ئىلتىماس قىلغان چوڭ قانال تۈرى، جۇڭگو، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان ئۈچ دۆلەت بىرلىكتە ئىلتىماس قىلغان يىپەك يولى تۈرىنى 38-نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسى كومىتېتى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، «دۇنيا مىراسى تىزىملىكى»گە رەسمىي كىرگۈزدى. بۇلار دۆلىتىمىزنىڭ 32- ۋە 33-دۇنيا مىراسى تۈرى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىزدىكى دۇنيا مىراسىنىڭ سانى 47گە يېتىپ، دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتتى.

  بۇ يىللىق ئىلتىماس قىلىشتا، جۇڭگو، قىرغىزىستان، قازاقىستان ئۈچ دۆلەت بىرلىكتە ئىلتىماس قىلغان يىپەك يولىنىڭ چاڭئەندىن تەڭرىتاغ كارىدورىغىچە بولغان بۆلىكى جۇڭگونىڭ تۇنجى دۆلەت ھالقىپ ھەمكارلىشىپ ئىلتىماس قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تۇنجى تۈرى بولۇپ قالدى.

  جاۋ شياۋشيا، شى چاڭ، سۈن يى خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز