باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇدا 11-يىل ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىش دېھقانلارغا شادلىق ئاتا قىلدى

2014.06.23 08:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياز كىرگەندىن بۇيان، يازلىق ئاشلىق يىغىۋېلىش تەرتىپلىك باشلاندى، مول ھوسۇل شادلىقى دېھقانلىرىنىڭ چېھرىدە جىلۋىلەندى. بۇ يىل مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىقتىن ئۇدا 11-يىل مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملىشىپ قالدى. بۇ-مەركەز يېڭى ۋەزىيەتتە ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىنكى تۇنجى مول ھوسۇل بولۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى مۇقىم ئېشىش، بىرلىك مەھسۇلاتىدا تارىخىي رېكورت يارىتىلىش، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ ھەممىسىدە مەھسۇلات ئېشىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئالاھىدىلىك بارلىققا كەلدى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ئالتە تارماق بۇ يىللىق بۇغداي، چىلگە سوقىچاق شالنى ئەڭ تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىشنىڭ ئىجرا لايىھەسىنى بىرلىكتە چىقاردى. جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش باش شىركىتى يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوغداپ، ئاشلىقنى تولۇق يىغىۋېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئاشلىق ساتقاندا، قولغا پۇل كىرىدۇ. يازلىق ئاشلىقنىڭ ئۇدا ئون يىل ئېشىشى ئاساسىدا، يەنە مول ھوسۇل ئېلىش-سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا بولغانلىقنىڭ پايدىسىدىن بولدى. جايلار ئىككى ئاكتىپلىقنى قوزغاپ ۋە ياخشى قوغداپ، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، دېھقانلارغا مول ھوسۇل شادلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئاشلىق تېرىش ئارقىلىق بېيىشقا يېتەكلىدى. خېنەن ئۆلكىسى جۇكۇ شاڭشۈي ناھىيەسى مەركەزنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق تېرىش بىۋاسىتە تولۇقلىمىسى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ھەر تەرەپلىمە بىۋاسىتە تولۇقلىمىسى، ئەلا سورت تولۇقلىمىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى، ئوغۇتلاش تولۇقلىمىسى قاتارلىق مەبلەغلەرنى ۋاقتىدا دېھقانلارنىڭ قولىغا يەتكۈزدى. جىلىن دېھقان ئائىلىلىرى ئىلمىي ئاشلىق ساقلاش ئامبىرىدىن 366 مىڭ يۈرۈش قۇرۇپ، ھەر يىلى 600 مىليون جىڭ ئەتراپىدىكى ئاشلىق زىيىنىنى ئازايتتى، بۇنىڭ بىلەن ھەر يىلى دېھقانلارنىڭ كىرىمى 660 مىليون يۈەن ئېشىشى مۇمكىن. يىچىڭ شەھىرى ئاشلىق سېتىۋېلىش مەبلىغىدىن 200 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، سېتىۋېلىش سۈرئىتى بويىچە ئاشلىق سېتىۋېلىش پۇلىنى ۋاقتىدا ئالدىن بەردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، سېتىۋېلىش تەرتىپلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، نەق مەيداندا سېتىۋېلىش باھاسى، سۈپەت ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق سېتىشىغا قولايلىق ياراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر