باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمەكتە

2014.06.23 08:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ يېڭى مەزگىلدىكى يېزىلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جايلار تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەت-گۇرۇپپىلىرىنى پائال ئەۋەتىپ، يېڭى مەزگىلدىكى كەنتلەردە تۇرۇپ ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى. بۇ خىزمەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، يېقىندا گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بىلەن خەلق گېزىتى نەزەرىيە بۆلۈمى بىرلەشمە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، گەنسۇ، گۈيجۇ ئۆلكىلىرىگە بېرىپ مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. گەنسۇ، گۈيجۇ ئۆلكىلىرىدىكى نامرات كەنتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى قاتنىشى قولايسىز، بايلىقى يېتەرسىز، ئۇل ئەسلىھەلىرى ناھايىتى قالاق، ئېكولوگىيەسى ئىنتايىن ئاجىز بولغان تاغلىق رايونلارغا جايلاشقان، كەنت ئاھالىلىرى ناھايىتى نامرات بولۇپ، تەربىيەلىنىش دەرىجىسى تۆۋەن، بېيىش ئىقتىدارى ۋە ۋاسىتىسى ئومۇميۈزلۈك كەمچىل. ئىككى ئۆلكە كەنتلەردە تۇرۇپ ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، مەركەزنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ۋە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قارىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تېرىشىپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈرۈپ، ئورتاقلىقنى گەۋدىلەندۈردى. 1-رەھبەرلەر ئەھمىيەت بېرىپ، زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى، ئىككى ئۆلكە كەنتلەردە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پۈتكۈل خىزمەتتە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويدى، ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئورگانلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلىرى بىر تۇتاش ياخشى ماسلاشتۇردى. 2-تۇتاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، تېرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. ئىككى ئۆلكىنىڭ كەنتلەردە تۇرۇپ ياردەم بېرىش خىزمىتى بەلگىلىك خىزمەت ئاساسىغا ئىگە بولدى ھەم تارىخىي تەجرىبە توپلاندى، بۇ بىر نەچچە يىلدا يېڭى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كەنتلەردە تۇرۇش خىزمەت كۈچى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، كەنتلەردە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ نىشانى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 3-ياخشى لايىھەلىنىپ، تۈزۈمگە كاپالەتلىك قىلىندى. كەنتلەردە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ نىشانى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمىتى مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، مەبلەغ بىرىكتۈرۈش يوللىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. 4-تەكشۈرۈپ مۇكاپاتلىنىپ ۋە جازالىنىپ، نازارەت قىلىندى ۋە چەكلىمە قويۇلدى. كەنتلەردە تۇرۇش خىزمەت ئىنتىزامى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، دائىملىق تەكشۈرۈش بىلەن مەركەزلىك تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلدى. نامرات كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن تېزدىن قۇتۇلۇشى ۋە سىجىل تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئىككى ئۆلكىنىڭ كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەت-گۇرۇپپىلىرى بىر تەرەپتىن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن كەسىپ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشتىن تۇتۇش قىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، گەنسۇ، گۈيجۇ ئۆلكىلىرىنىڭ كەنتلەردە تۇرۇپ ياردەم بېرىش خىزمىتى پۇختا ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، كادىرلار تەربىيەگە ئىگە قىلىنىپ، تەرەققىيات سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئامما ئەمەلىي نەپ ئېلىپ، جەمئىيەتتە ياخشى ئىنكاس قوزغىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر