باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكىرىدە ئالدىنقى يېرىم يىلدا 12 نەپەر ئايال ئەمەلدار تەكشۈرۈلدى

بەزىلىرى شەھۋانىيلىق يولى بىلەن مەنسەپكە ئېرىشمەكچى بولغان.

2014.06.17 02:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ياڭجوۋ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى (تەكشۈرۈلگەن ۋاقىتتىكى ۋەزىپىسى، تۆۋەندىمۇ شۇنداق) جىن چيۇفېن ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، جىن چيۇفېن بۇ يىلدىن بۇيان مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئۇقتۇرۇش چىقارغان 12 نەپەر ئايال ئەمەلدارنىڭ بىرى ئىكەن.

  12 نەپەر ئەمەلدارنىڭ ئالتىسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيە (رايون) دەرىجىلىك ۋەزىپىدە بولۇپ، ئۇلار يىچاڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېڭ شىڭخۇا، سەنشى ئۆلكىسى گاۋپىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى ياڭ شياۋبو، جياڭشى ئۆلكىسى خۇيچاڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بو چۈنرۇڭ، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇۋىي ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ۋاڭ مېيچىن، جىڭجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى چېن خۇڭ، نەنتۇڭ شەھىرى گاڭجا رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ ياشياڭ قاتارلىقلار؛ ئۇنىڭدىن باشقا 2 نەپەر نازارەت، ئىدارە دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ۋۇخەن شەھەرلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ شىڭئې، ئىلگىرى سىچۈەن ئۆلكىلىك قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى بولغان ۋېن جيابى ئىكەن.

  باشقا 4 نەپەر كىشى ئىچىدە، جىن چيۇفېندىن باشقا ئىككى نەپەر كومىتېت، ئىشخانا، ئىدارە دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ بىرى جياشىڭ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىن يۈەن، يەنە بىرى نېيجياڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ شياۋخۇڭ ئىكەن. يەنە بىرى دۆلەت كارخانىسىدىن بولۇپ، ئىلگىرى جۇڭگو نېفىتى يۈمىن نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى بولغان ياڭ گولىڭ ئىكەن.

  12 كىشى ئىچىدە، يېشى ئەڭ كىچىكى 1971-يىلى تۇغۇلغان ياڭ شياۋبو. ياڭ گولىڭ بىلەن ۋېن جيابى 60 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن تەكشۈرۈلگەن.

  نۆۋەتتە، ياڭ گولىڭ، خۇاڭ ياشياڭ، جىن يۈەن، ۋېن جيابى قاتارلىق 4 كىشى قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇلۇپ، پارا ئېلىش، چىرىكلىشىش جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. باشقا 8 كىشى يەنە تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋەزىپە دائىرىسىدىكى جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش نازارىتىدىكى بىرەيلەن 3-ئايدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدىكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆرۈنەرلىك ئېشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان، جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئايال ئەمەلدارلارنىڭ سانى يىلدىن يىلغا ئاشقان، بۇلتۇر ۋەزىپە دائىرىسىدىكى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ سانى 2009-يىلدىكىدىن %33 ئاشقان بولۇپ، چىرىكلىشىش، پارىخورلۇق جىنايەتلىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر