باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

د م م جۇڭگو ياپونىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى

2014.06.16 00:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئىيۇن ياپونىيە جۇڭگونىڭ كۆرەشچى ئايروپىلانى ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ رازۋېدكا ئايروپىلانىغا ناھايىتى يېقىنلاشتى، دەپ جار سېلىپ، جۇڭگو ھەربىي تەھدىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلدى. 12-ئىيۇن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گېڭ يەنشېڭ ياپونىيەنىڭ جار سالغانلىقىغا قارشى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ياپونىيەنىڭ 11-ئىيۇندىكى ئەيىبلىشى 24-ماي ئېلىمىز ئايروپىلانىنى ياپونىيە ئايروپىلانلىرىغا ناھايىتى يېقىنلاشتى، دەپ جار سالغاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىم يولسىزلارچە ئەيىبلىشى، ئۇنىڭ مەقسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنى يەنىمۇ ئالداپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئوبرازىغا قارا سۇۋاپ، رايون جىددىيچىلىكى پەيدا قىلىش. ياپونىيەنىڭ بۇنداق رەزىل قىلمىشى ئەمەلىيەتكە باقماي، ئاق-قارىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىپ، سەن تاز دېگۈچە مەن تاز دەۋالاي دېگەنلىك.

  ئۇزاقتىن بۇيان، ياپونىيە جۇڭگونىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرىنى يېقىندىن ئىز قوغلاپ كۆزىتىپ ۋە توسقۇنلۇق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپ كەلدى، بۇ جۇڭگو-ياپونىيە دېڭىز ھاۋا بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ تۈپ يىلتىزى. ئەمما ياپونىيە ئۆزىنىڭ خاتالىقى ئۈستىدە ئويلانماقتا يوق، پات-پات ئالدامچىلىق، قۇتراتقۇلۇق سۆزلىرىنى قىلىپ، جۇڭگوغا قەستەن تىل تەگكۈزدى، بۇ باشقىچە غەرەزدە بولغانلىق بولۇپ، ئۇنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ساختىلىقى ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى تولۇق ئېچىپ بەردى. ياپونىيە بۇ توغرىسىدا جۇڭگو ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېنىق چۈشەندۈرۈش بېرىشى كېرەك. جۇڭگو يەنىمۇ تەدبىر قوللىنىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر