باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خەۋەرلىرى توپلىمى» ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى

2014.06.16 00:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېبىي، لەنكاۋدا پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش يېتەكلىك قىلىش خەۋەرلىرى توپلىمى» ناملىق كىتاب يېقىندا خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلدى. 1-،2-تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پائالىيەت ئالاقە نۇقتىسى بولغان خېبىې ئۆلكىسى بىلەن خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لەنكاۋ ناھىيەسىدە نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ يېتەكلىك قىلدى، ئىككى يەردىكى دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى كوللىتىپىنىڭ مەخسۇس دىموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە يىتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە نەمۈنىلىك رول ئويناپ، تەربىيە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  بۇ كىتاپقا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى يەردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى تەكشۈرۈش يىتەكچىلىك قىلىشتىكى تۆت پارچە نوپوزلۇق ماقالىسى شۇنداقلا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتى قاتنىشىپ يىتەكچىلىك قىلغان مەخسۇس تېمىلىق دىموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى توغرىسىدىكى ئىككى پارچە خەۋەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىدە تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇپ، 2-تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشتا مۇھىم يىتەكچىلىك قىلىش، پايدىلىنىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر