باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئەھۋالىغا نەزەر

2014.06.15 23:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىل ئوتتۇرىسى كېلىپ قالدى، تۆۋەنلەش بېسىمى ئاستىدىكى جۇڭگو ئىقتىسادىدا، ئالدىنقى يېرىم يىللىق نەتىجىنى قانداق كۆرسىتىش كىشىلەر دىققەت قىلغان مەسىلىگە ئايلاندى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 13-ئىيۇن 5-ئايدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى نەتىجىسى ئاساسەن ئايدىڭلاشتى.

  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئايلىق پىشاڭ كۆرسەتكۈچى بولغان كۆلەملەشكەن سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتىدىن قارىغاندا، 5-ئايدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئەمەلىي ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پوئېنت يۇقىرى بولغان.

  ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان ئۈچ چوڭ جەھەتتىن قارىغاندا، مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سەل ئاستىلىغان، لېكىن تاشقى سودىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەنپىيلىكتىن مۇسبەت ئېشىشقا يۈزلەنگەن، سۈرئەت تېزلىتىلىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئاشقان. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى، مال باھاسى، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ھەممىسى مۇۋاپىق دائىرىدە بولغان. 1-پەسىلدىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى كۆپەيتىۋەتكەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، دۆلەت بىر يۈرۈش مۇقىم ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىق چىقاردى. بۇ تەدبىرلەر بازار كۆزلىمىسىنى بىر قەدەر ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجابىي ئۈنۈمى گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. گەرچە ئىقتىسادىي ھەرىكەت مۇۋاپىق دائىرىدە ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى بولسىمۇ، لېكىن، نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى ئىشلەپچىقىرىش زىيادە ئېشىپ قېلىش، يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز خەتىرى، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى تەس بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ تېخىچە ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك، ئۆي مۈلۈك كەسپىدە يەنە باسقۇچلۇق تەڭشەش پەيدا بولدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى ھەرىكىتى مۇۋاپىق دائىرىدىكى بىر قەدەر تۆۋەن ئورۇندا تۇرماقتا، تۆۋەنلەش بېسىمى تېخى تۈگىمىدى. جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مەبلەغ سېلىش يەنىلا ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى. گەرچە ئالدىنقى بەش ئايدىكى مەبلەغ سېلىشتا، دۆلەتنىڭ خامچوت مەبلىغى ۋە مەركەز تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېزلەشكەن بولسىمۇ، بىراق ئىش باشلانغان تۈرلەرگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەنىلا ئاستا بولماقتا، بۇ-كەلگۈسىدىكى مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە تېخىمۇ تېز بۇرۇلۇش ياساشنىڭ تەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. گەرچە قاتمۇ-قات قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى بولۇشى ھەم ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ تىزگىنلەش ئۈنۈمىنىڭ كۈنسايىن گەۋدىلىنىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسى تېخىمۇ چىڭىيدۇ. بولۇپمۇ جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى غايەت زور ئىچكى تەلەپ يوشۇرۇن كۈچى ھەم مىليونلىغان كىشىلەر ئارىسىدا ساقلانغان مەبلەغ سېلىش، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتقا تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلغۇسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر