- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


31 ئۆلكە دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى تەستىقلاندى، 12 ئۆلكىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى «قايتا تەشكىللەش» تاماملاندى
2014.06.15 23:02 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇ يىل ئۆلكە دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئىسلاھاتىنى تاماملايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەنىدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 5-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئىچكى ئاپپاراتلىرىنى تەڭشەش لايىھەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان. يېڭى بېيجىڭ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە، 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى تاماملىغان. مەملىكىتىمىزدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى «قايتا قۇرۇش» ھەرىكىتى تېز سۈرئەتتە قانات يېيىۋاتىدۇ.جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر