باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل يەنە بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدۇ

2014.06.15 22:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى لى پۇمىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل يەنە بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدىكەن، بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەت تەستىقلايدىغان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى تىزىملىكى داۋاملىق تۈزىتىلىپ، ئەسلىدە 2015-يىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈزىتىش خىزمەت ۋەزىپىسى ئالدىغا سۈرۈلۈپ بۇ يىل تاماملىنىدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، مەمۇرىي ئىجازەتتىن باشقا تەستىق تۈرلىرى تەرتىپكە سېلىنىپ ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش پىكىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.

  ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ مىن مۇنداق كۆرسەتتى: 2014-يىللىق تۈزىتىش خىزمىتىدە 3 پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىنىدۇ: بىرى، يەنە بىر تۈركۈم تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بازار رىقابىتى يېتەرلىك، كارخانىلار ئۆزىنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئىقتىساد ۋە قانۇن ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك تەڭشىگىلى بولىدىغان تۈرلەرنى پرىنسىپ جەھەتتىن تەستىقلاپ باشقۇرۇشتىن ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىش كېرەك؛ ئىككىنچىسى، يەنە بىر تۈركۈم تەستىق تۈرلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ئىلمىي ئايرىش كېرەك؛ ئۈچىنچىسى، تارماقلارنىڭ ئىش تەقسىماتىنى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر