باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تۆمۈريول ئىدارىسى: يولۇچىلار كىملىكىنى كۆرسەتمىسە بېكەتكە كىرگۈزۈلمەيدۇ

2014.06.15 22:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت تۆمۈريول ئىدارىسى تۈنۈگۈن «تۆمۈريول يولۇچىلار بېلىتىنى ھەقىقىي ئىسىملاشتۇرۇپ باشقۇرۇش چارىسى» (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى) نى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىشقا سۇندى. چارىدە ھەقىقىي ئىسىملاشتۇرۇپ باشقۇرۇش دائىرىسى ئېنىق بېكىتىلىپ، پەقەت يۇقىرى سۈرئەتلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك يولۇچىلار پويىزى ۋە ئالاقىدار بېكەتلەردە ھەقىقىي ئىسىملاشتۇرۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇلىدىغانلىقى، بالىلار بېلىتىنىڭ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىكەنلىكى بەلگىلەندى. شۇنىڭ بىرگە يەنە تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىلىرى ئالاقىدار مەخپىيەتلىك ساقلاش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىسىملاشتۇرۇپ باشقۇرۇشتىن ئېرىشكەن يولۇچىلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرى ۋە پويىزغا ئولتۇرۇش ئۇچۇرىنى قوغداش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر