باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ب د ت نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ۋە ھال سورىغۇچى ئاياللار ئارخىپىنى دۇنيا خاتىرە مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى

2014.06.15 22:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى10-چېسلا جۇڭگو تەرەپنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ۋە ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ھال سورىغۇچى ئايال ئېلىشىغا دائىر بەزىبىر قىممەتلىك تارىخىي ئارخىپلارنى ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا خاتىرە مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئىلتىماسى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى. 11-چېسلا، ياپونىيە جۇڭگودىن ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: «بىز ياپونىيەنىڭ يولسىز تەلىپىنى قوبۇل قىلمايمىز ھەمدە ئىلتىماسنى قايتۇرۇۋالمايمىز».

  10-چېسلا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ھال سورىغۇچى ئاياللارنى ئېلىشىغا دائىر ئارخىپ ۋە ھۆججەتلەرنى ب د ت دۇنيا خاتىرە مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلدىمۇ-يوق؟ دەپ سورىغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ئەزەلدىن دۇنيا خاتىرە مىراسلىرى تىزىملىكىگە ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر 9 ھۆججەت مىراسى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى. جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىم ئىلتىماس قىلغان تارىخىي ئارخىپلار چىن ۋە بىباھا بولۇپ، مۇھىم تارىخىي قىممەتكە ئىگە، ئىلتىماس قىلىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ۋە ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ھال سورىغۇچى ئاياللارنى ئېلىشىغا دائىر بىر قىسىم قىممەتلىك تارىخىي ئارخىپلار توغرىسىدا ئىلتىماس سۇندى، بۇنىڭدا تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى قوغداپ، ئىنسانپەرۋەلىككە مۇخالىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان، ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشلارنىڭ قايتىلىنىشىدىن ساقلىنىشتۇر». جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر