باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىكى ئۆي ۋە ئەرزان ئۆيلەرنىڭ بىكار تۇرۇش نىسبىتى %20 تىن ئاشقان

2014.06.12 23:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-ماي ئېلان قىلىنغان جۇڭگو ئائىلە پۇل مۇئامىلىسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئېلىمىزدە ئۆز ئۆيى بولۇش نىسبىتى %90 كە يېتىپ، ئۆي ۋە ئەرزان ئۆيلەرنىڭ بىكار تۇرۇش نىسبىتى %20 تىن ئېشىپ، ئىجتىمائىي بايلىق بەك ئىسراپ بولغان. تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، ئېلىمىز ئائىلىلىرىنىڭ ئۆيگە ئىگە بولۇش نىسبىتى %90.8 كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر-بازارلارنىڭ %87، يېزىلارنىڭ %95.8 بولۇپ، ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭكىدىن بەكلا يۇقىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر-بازارلار ئائىلىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئىگە بولغان ئۆيلىرىنىڭ بىكار تۇرۇش نىسبىتى %22.4 كە يېتىپ، 49 مىليون 980 مىڭ يۈرۈش بولغان. جۇڭگو ئائىلە پۇل مۇئامىلىسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى گەن لى مۇنداق دەپ قارىدى: 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇش تەمىناتىنى ھېسابلىمىغان تەقدىردىمۇ، ھازىرقى ساقلانما ئۆيلەر ئەمەلىي ئۆي ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ساقلانما ئۆي بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ناھايىتى ئېغىر، شۇڭا بىز ھۆكۈمەت ساقلانما ئۆيلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئىجارە ئۆي تولۇقلىمىسى تارقىتىشى كېرەك دەپ قارايمىز، بۇنداق قىلغاندا، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، بايلىقنىڭ رولىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر