باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي سوت كارخانىلارنى قوشۇۋېتىش، قايتا تەشكىللەشكە ئەدلىيە كاپالىتى ھازىرلاپ بەردى

2014.06.12 23:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەدلىيەنىڭ سوتلاش خىزمىتىدىكى مۇھىم فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنى قوشۇۋېتىش، قايتا تەشكىللەش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشىنى قانۇن بويىچە تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ كارخانىلارنى قوشۇۋېتىش، قايتا تەشكىللەشكە ئەدلىيە كاپالىتى ھازىرلاپ بېرىش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى چىقاردى. پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سوت مەھكىمىلىرى قوشۇۋېتىش، قايتا تەشكىللەشكە ئالاقىدار دېلولارنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىپ، ئەدلىيە جەھەتتىن سوتلاش ئارقىلىق، كارخانىلارنى قوشۇۋېتىش، قايتا تەشكىللەش جەريانىدىكى تۈرلۈك ماجىرالارنى ھەل قىلىشى كېرەك. قانۇننى باھانە قىلىپ قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشقا، قاراپ چىقىشنى كەينىگە سۆرەشكە بولمايدۇ. سوت مەھكىمىلىرى مەنپەئەت تەڭپۇڭلۇق پىرىنسىپى بويىچە، تۈرلۈك مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر