باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يىمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتا جەمئىيەت بىرلىكتە باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلدى

2014.06.12 23:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن 2014-يىللىق مەملىكەتلىك يىمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى يەنى 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو يىمەكلىك بىخەتەرلىكى مۇنبىرىدە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، مۇتەخەسىس-ئالىملار جەمئىيەت بىرلىكتە باشقۇرۇش، يىمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا قىزغىن مۇنازىرە ئېلىپ باردى.

  دۆلەتلىك يىمەكلىك، دورا نازارەتچىلىك قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ماۋ جېنبىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ كېلەركى يېرىمىدا يىمەكلىك، دورا نازارەتچىلىك قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يىتەكچى پىكىر تارقىتىپ، يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان، يىمەكلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارغا سەمىمىيەت ئارخىپى تۇغۇزۇپ، سەمىمىي بولغانلارنى تەقدىرلەپ، «ئىلغارلار تىزىملىكى» چىقىرىش ئارقىلىق، توغرا كەيپىياتنى نۇرلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرشتا قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان كارخانىلارنى بىرلىشىپ جازالاش كۈچەيتىلىدۇ. يىمەكلىك، دورا نازارەتچىلىك قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مۇشۇ ئايدىن باشلاپ، جەمئىيەتكە مەمۇرىي جازا بېرىلگەن دىلو ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلايدۇ.

  يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى دېھقانلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ نازارەتچىسى گۇاڭ دېفۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كېلەركى قەدەمدە تېرىقچىلىق كەسپىدە، كۆكتات، مىۋە-چىۋە، چاي مەھسۇلاتلىرىغا دورا ئىشلەتكەندە، كۈچلۈك زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى قانۇنسىز قوشۇش قىلىمىشلىرىغا نۇقتىلىق زەربە بېرىلىپ، كۈچلۈك زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى نۇقتا بەلگىلەپ سېتىش ۋە ئۆز ئىسمىنى يېزىپ سېتىۋېلىش تۈزۈمى پائال يولغا قويۇلىدۇ. چارۋىچىلىقتا، چارۋىلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، «ئورۇق گۆش جەۋھىرى» ئىشلىتىش، خام سۈت قاتارلىقلارغا بولغان ئوڭشاپ رەتكە سېلىش خىزمىتى داۋاملىق كۈچەيتىلىپ، قايتا ئەۋىج ئېلىپ كېتىشنىڭ قاتتىق ئالدى ئېلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر