باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ھاياتلىق ئىلمى ساھەسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلدى

2014.06.09 09:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز ھايات ئىلمى تەتقىقات ساھەسىدە يەنە بىر قېتىم زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى، يېقىندا دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال بولغان «تەبىئەت ژۇرنىلى »دا ئېلىمىز ئالىمى يەن نىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئادەم بەدىنىدە «گلۇكوزنىڭ ئاقسىلغا ئايلىنىپ توشۇلۇش كىرىستال قۇرۇلمىسى توغرىسىدىكى ئانالىز»ى ئېلان قىلىپ، دۇنيادا گىلۇكوزىنىڭ ئاقسىلغا ئايلىنىپ توشۇلۇش ئارقىلىق ھۈجەيرىگە كىرىش پىرىنسىپىنى تۇنجى قېتىم نامايان قىلدى.

  گىلۇكوزا ئادەمنىڭ ھاياتىنى ساقلايدىغان ئەڭ ئاساسىي ئېنېرگىيە، ھۈجەيرىگە كىرگەندىن كېيىنلا ئاندىن ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ، ھۈجەيرە سىرتىدا بىر قەدەر ئاسان سۇ ئۆتمەس ھۈجەيرە پەردىسى بولۇپ، گىلۇكوزا ئاقسىلغا ئايلىنىشتىن ئىبارەت توشۇغۇچىدىن پايدىلانغاندىلا، ئاندىن ھۈجەيرە پەردىسىدىن ئۆتۈپ، ھۈجەيرىگە كىرەلەيدۇ.

  ئەگەر گىلۇكوزىنىڭ ئاقسىلغا ئايلىنىپ توشۇلۇش ئىقتىدارى بولمىسا، دىيابىت كېسىلى، مېڭە يىگىلەش، تۇتقاقلىق قاتارلىق بىر يۈرۈش كېسەللەر كېلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە راك ھۈجەيرىسى كۆپىيىدۇ. گىلۇكوزىنىڭ ئاقسىلغا ئايلىنىپ توشۇلۇش كىرىستال قۇرۇلمىسى ۋە خىزمەت پىرىنسىپىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق گىلۇكوزىنىڭ ئاقسىلغا ئايلىنىپ توشۇلۇشىغا سۈنئىي ئارىلىشىپ، نورمال ھۈجەيرىنى گىلۇكوزا بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتكىلى، بەزى ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاشتا، راك ھۈجەيرىسىنىڭ گىلۇكوزا بىلەن تەمىنلىشىنى توختىتىپ، راك ھۈجەيرىسىنى نىشانلىق ئۆلتۈرۈپ، راك كېسىلىنى داۋالاشنى بىر خىل ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىن ئەتكىلى بولىدۇ.

  ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىن ھازىرغىچە، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئالىملار بۇ ئۆتكەلدىن ئىزچىل تۈردە ئۆتەلمەي كەلگەن ئىدى. ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ بۇ تۈردىكى بۆسۈشى بۇ ساھەدە 50 نەچچە يىل تەتقىق قىلىش داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن دۇنيا دەرىجىلىك پەن تەتقىقات مۇۋەپپەقىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر