باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسەت تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2014.06.09 09:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن،گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، گوۋۇيۈەن 6-ئىيۇن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، گوۋۇيۈەننىڭ چىقارغان تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلار ۋە سىياسەت تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە بۇنى يولغا قويۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە تۆۋەندىكى تۆت نىشان ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئۇنى ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەن ئىشلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇش،سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش،مەمۇرىيەتنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىدۇ.

  1.گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ۋە چىقارغان سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش يولىنى ئېچىپ، توساقنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھۆكۈمەت بۇيرۇقلىرىنىڭ راۋانلىقى،بۇيرۇقنى قەتئىي ئىجرا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ تىزدىن ئەمەلىيلىشىشى، ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىش ئاساسىنى پۇختىلاپ،ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق رايون ئارىلىقىنى ساقلاپ، پۈتۈن بىر يىللىق ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ كۆزلەنمە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  2.راست سۆزلەش ھەمدە ئۇنىڭ نەتىجىسى بولۇشتىن ئىبارەت مەمۇرىي ئىشلارنى يولغا قويۇش يېڭى ئىستىلىنى تىكلەپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، جاسارەتلىك ياراملىق بولۇش؛ بوشاڭلىق قىلىش ، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىش، تاقابىل تۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا بوشاڭلىق قىلىش قىلمىشىلىرىنى تۈگىتىش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە بەرگەن دېگەننى قىلىش، قۇرۇق گەپ قىلماسلىق ھەققىدىكى ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.

  3.سىياسەت تەدبىرلىرىنى يېتەرلىك ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە بۇنى چىڭىتىش، قانۇن بەلگىلىمە بويىچە كېلىشىش، ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش ھەتتا مەمۇرىي جازا بېرىش لازىم. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك ئىشلىرىغا قارىتا جايلار ۋە تارماقلار ئومۇمىيلىق ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

  4.سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تۈزۈلمە مېخانىزم توسالغۇسىنى تۈگىتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىدىغان تۈزۈم كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، مەمۇرىي ئىشلارنى يولغا قويۇش تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەمۇرىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى سىياسەت تەدبىرلىرى ئېلىپ كەلگەن نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچى ۋە ئىجرا كۈچىنى ئاشۇرۇش لازىم.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 2014-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ۋە ئۆتكەن يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيانقى گوۋۇيۈەن چىقارغان ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىدىن ئىبارەت 19 جەھەتتىكى نۇقتىلىق مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىلىدۇ. ئۆزىنى تەكشۈرۈش بىلەن نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش، تەكشۈرۈش بىلەن 3- بىر تەرەپنىڭ باھالىشىنى بىرلەشتۈرۈش، نازارەت قىلىش بىلەن جەمئىيەتنىڭ باھالىشىنى بىرلەشتۈرۈش، نازارەت قىلىش بىلەن جامائەتچىلىكنى يېتەكلەشنى بىرلەشتۈرۈش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر