باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ باج قۇرۇلمىسىدا روشەن ئۆزگىرىش بولدى

2014.06.09 09:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ باج قۇرۇلمىسىدا روشەن ئۆزگىرىش بولغان. ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، سودا مۇلازىمىتىنى ئاساس قىلغان 3-كەسىپنىڭ بېجى يۇقىرى بولغان، كۆمۈر، پولات-تۆمۈر قاتارلىق بۇلغىشى ئېغىر، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى كەسپىنىڭ بېجى تەدرىجىي تۆۋەنلىگەن. بۇ ئېلىمىزنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

  دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئالدىنقى 4ئايدا ئېلىمىزنىڭ 3-كەسىپتىن ئېلىنغان باج 2-كەسىپنىڭكىگە قارىغاندا 7.7پوئىنت يۇقىرى بولغان. ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئىككى چوڭ كەىسپنىڭ مالىيە كىرىمىگە قوشقان تۆھپىسى بىرىسىنىڭ ئېشىپ بىرىسىنىڭ تۆۋەنلىگەن. 3-كەسىپ بېجىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى مۇقىم ئېشىپ %54.2 كە يەتكەن، 2-كەسىپنىڭ بېجىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %45.7كە چۈشكەن، 3-كەسىپ بېجىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 2-كەسىپكە قارىغاندا 9پوئىنتقا يېقىن يۇقىرى بولغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇلغىشى ئېغىر، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى بىر قىسىم كەسىپلەر بازار ۋە سىياسەتنىڭ قوش بېسىمىدا، كارخانىلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇرۇلۇش ياسىدى. نەچچە مېتاللورگ شىركەتلىرىنىڭ قوشۇۋېتىلىپ قايتا تەشكىللەنگەنلىكىگە قارىتا، نىڭشيا گۇخۇا مېتاللورگى 100مىڭ توننا كۆمۈر يۈيۈش ئىقتىدارى بار كەسىپ ئىقتىدارى ۋە 10توننا دەرىجىلىك سىلىتسىيلىق تۆمۈر رودىسىنى قىزىتىش ئوچىقىنى ئىككىلەنمەستىن شاللىۋەتتى.

  بۇ خىل ئۆزگىرىش دۆلەتنىڭ قۇرۇلمىنى تەڭشەش سىياسەت يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈردى، مالىيە، باج، سۇ، توك ئىشلىتىش قاتارلىق سىياسەتلەر ھەم كاپالەتكە ھەم بېسىمغا ئىگە بولۇپ، كەىسپلەرنىڭ بۆلۈنۈشىنى تېخىمۇ تېزلەتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، كۆمۈر، پولات تۆمۈر قاتارلىق بۇلغىشى ئېغىر، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى كەسىپلەرنىڭ بېجى زور كۆلەمدە تۆۋەنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر