باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپ مەبلىغىدىن 87 مىليارد 897 مىليون يۈەن ئاجراتتى

2014.06.09 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپ خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەركەز مالىيەسى يېقىندا 2014-يىللىق يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مەبلىغىدىن 87 مىليارد 897 مىليون يۈەن ئاجراتتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئازايغان ئەھۋالدا، بۇ مەبلەغ 2013-يىلىدىكىدىن تەخمىنەن 5 مىليارد 60 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، %6.1 ئاشتى.

  يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپ خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى مەبلىغى ئاساسلىق تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە ئىشلىتىلىدۇ: يېزىلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھۆكۈمەت خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. يېزىلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ ھۆكۈمەت خىراجىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، ياتاقلىق مەكتەپلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈش قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش.«ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىپ بىرنى تولۇقلاپ بېرىش» سىياسىتىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. يېزىلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ياتاقلىرىنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش. مەبلەغ سېلىش كۈچىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ياتاقلىرىنى رېمونت قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرىدىغان قىلىپ مۇستەھكەملەشكە نۇقتىلىق مەدەت بېرىش، قىسمەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئالاھىدە زور تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارنىڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىش جىددىي تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلار.ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېزىلاردىكى مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىغا بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشىنى مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى يېزا كەنتلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقان جايلارنى مۇكاپاتلاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر