باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يىپەك يولى روھىنى جارى قىلدۇرايلى

2014.06.09 08:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئەرەپ دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى مۇنبىرى مول نەتىجىلىك ئون يىلنى بېسىپ ئۆتتى، كەلگۈسى ئون يىلدا جۇڭگو بىلەن ئەرەپ دۆلەتلىرى جۇڭگو ئەرەپ ھەمكارلىقى مۇنبىرىنى قانداق قىلىپ ياخشى قۇرۇپ، ياخشى ئشلىتىدۇ؟ قانداق قىلىپ قول تۇتۇشۇپ، مىللىي گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئورتاق مەجبۇرىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؟ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن جۇڭگو ئەرەپ ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 6-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا جۇڭگو بىلەن ئەرەپ ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىق يېڭى پىكىر يولى، يېڭى تەشەببۇسىنى شەرھىيلىدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ مىللىي گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئورتاق مەجبۇرىيەت ۋە ئورتاق خىرىس ئالدىدا بىزنىڭ يىپەك يولى روھىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئەرەپ ئەللىرى مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ئەينەك قىلىپ، تاللىغان يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەمكارلىقتا ئورتاق غەلبە قىلىشتا چىڭ تۇتۇپ، تىنچ سۆزلىشىشنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى.

  دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ئىجادچىلىرى بولغان جۇڭگو بىلەن ئەرەپ ئەللىرىنىڭ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، ئەينەك قىلىشى بىر بىرىنىڭ ماددىي ۋە روھىي تۇرمۇشىنى بېيتتى، شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: مىللىي ۋە دىنىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرىمىز، مەدەنىي كەڭ قورساق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز، ئەسەبىي كۈچلەر ۋە ئەسەبىچىلىك ئىدىيەسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتتىكىلەر ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە ئورۇنىشىدىن ساقلىنىمىز. جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى گوفۇ مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭ شەرھىيلىگەن يەنى 1+2+3 ھەمكارلىق قېلىپى يېڭى بىر تەكلىپ، ئۇ جۇڭگو بىلەن ئەرەپ ئەللىرى ھەمكارلىقىنىڭ مەزمۇنىنى بېيتتى.

  1+2+3 ھەمكارلىق قېلىپىدىكى «1» ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئوقى، «2» ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئاددىيلاشتۇرۇشنىڭ ئىككى قانىتى، «3» يادرو ئېنېرگىيەسى، ئالەم سۈنئىي ھەمراھى، يېڭى ئېنېرگيەدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يۇقۇرى يېڭى ساھەنىڭ بۆسۈش ئېغىزى.

  لى گوفۇ مۇنداق دېدى: نېفىت تەبئىي گاز ئېنېرگىيەسى جۇڭگو بىلەن ئەرەپ ئەللىرى ئارىسىدىكى پىشىپ يېتىلگەن، مۇقىم، ئەنئەنىۋىي ھەمكارلىق ساھەسى، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: نېفىت،تەبئىي گاز ساھەسىنىڭ بارلىق كەسپ زەنجىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جۇڭگو بىلەن ئەرەپ ئەللىرىنىڭ مەنپەئەت بىرىكىشىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ، مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ئەرەپ ئەللىرىنىڭ تەلىپى ۋە جۇڭگونىڭ ئۈستۈنلىكىگە بىرلەشتۈرۈلسە بولىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، جۇڭگو سودا قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىپ، ئەرەپ ئەللىرىنىڭ سانائەت مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىشىغا ياردەم بەرسە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا جۇڭگو بىلەن ئەرەپ ئەللىرىنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسى، ئالەم سۈنئىي ھەمراھى، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق يۇقۇرى يېڭى ساھەلەردە ھەمكارلىشىشى ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەپ ئەللىرى ھەمكارلىقىنىڭ سەۋىيەسىنى ئاشۇرىشىغا پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر