باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى: ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلايلى

2014.05.30 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 26-ماي «ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلايلى—پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، گۈللەندۈرۈش زور تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى خاتىرىسى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلدى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىسلارغا قارىتىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەدەبىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزدە تۇتۇش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇش ئۈچۈن گۈزەل پىلانلارنى تۈزدى.

  2010-يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرى بىر قاتار يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ خىزمىتىمۇ يېڭى ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىپ، يېڭى باسقۇچقا كىردى.

  ھازىر مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق تېررورلۇقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچ شىنجاڭنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەن ئىناق، ئىتتىپاق ئومۇمىيلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، سالماق تاقابىل تۇرۇپ، كەسكىن زەربە بەردى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەدەبىي ئەمىنلىكنى خىزمەتنىڭ كۆزدە تۇتۇش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىش، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ۋە ياخشى پايدىلىنىشقا، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت زور ستراتېگىيەلىك ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شىنجاڭ-قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. 2013-يىلى 9-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتكە زىيارەتكە بارغاندا يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلۋېغى قۇرۇش ستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق ئىش، شىنجاڭ نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ياكى مەدەنىيەت تەرەققىياتى، مىللەت، دىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق بولسۇن ھەممىسى ئىسلاھاتقا موھتاج ، دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى.

  بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە 30 نەچچە قېتىم يوليورۇق بەردى ۋە تەستىق سالدى، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ماھىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى، خىزمەتلەرنى يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇردى.

  كىشىلەر شىنجاڭنىڭ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئىجرا قىلغانلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق چېكى قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرگەنلىكىنى كۆردى.

  بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ئىقتىساد ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا، خەلق تېخىمۇ بەختلىك بولماقتا، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىگەنلىكى، جايلار، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق تىرىشقانلىقى، شىنجاڭنىڭ مۇقىم تەرەققىيات مۇھىتى ۋە دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىدىن بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر