باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ۋە ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىشىدىكى سۇغۇرتىلانغۇچىغا تولۇقلىما بېرىلىدۇ

2014.05.30 09:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئادەم كۈچى ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ، 2014-يىلى يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ۋە شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مەبلەغ جۇغلاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى. ھەمدە مۇنۇلارنى قارار قىلدى:2014-يىلى ھەر دەرىجىلىك مالىيىنىڭ يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ۋە شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى سۇغۇرتىلانغۇچىغا تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمىنى 2013-يىلىدىكىدىن 40 يۈەن ئۆستۈرۈپ، 320 يۈەنگە يەتكۈزۈش ھەمدە دېھقانلار ۋە شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزى تاپشۇرىدىغان ھەق ئۆلچىمىنى ئۆتكەن يىلىدىكى ئاساستا 20 يۈەن ئۆستۈرۈش، مەملىكەت بويىچە شەخسلەرنىڭ ئۆزى تاپشۇرىدىغان ئوتتۇرىچە ھەق ئۆلچىمىدە ھەر بىر كىشىنىڭ يىلىغا تاپشۇرىدىغان ھەققىنى تەخمىنەن 90 يۈەنگە يەتكۈزۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر