باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ياخشى ئۈنۈم كۆرۈلدى

2014.05.30 08:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش جەريانىدا 19 قېرىنداش ئۆلكىنىڭ مالىيە جەھەتتىن قوللىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، خەلق تۇرمۇشى قېيىنچىلىقى تەدرىجىي ياخشىلاندى، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى داۋامىدا %75تىن كۆپرەك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلدى، %95تىن يۇقىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ناھىيە شەھەر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئاساسى قاتلاملارغىچە ئىشلىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىر تۈركۈم تۇرالغۇ، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى ئىشلتىلىشكە باشلىدى، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ياخشىلاندى، شۇ يەرنىڭ مائارىپ ۋە داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، شۇ يەردىكى ئاممىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. تاشقۇرغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ئېلىمىزنىڭ پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 4مىڭ مېتىر ئېگىز. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجىن خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، شۇ يەردىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. قاغىلىق ناھىيەسىدىكى زامانىۋى ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى يىراقتىكى ئاممىنى كېسەل كۆرسىتىشكە جەلپ قىلدى. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىك مەيدانىدا، شۇ يەردىكى دېھقانلار تېلېۋىزور پىروگراممىلىرىنى كۆرەلەيدىغان بولدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىلگەندىن بۇيان، بېيجىڭ ياردەم بەرگەن خوتەن سېفىرلىق تېلېۋىزىيە سىمسىز يەتكۈزۈش قاپلاش قۇرۇلۇشى شۇ يەردىكى يېزىلارنى پۈتۈنلەي قاپلاپ، 100مىڭ ئائىلىگە نەپ يەتكۈزدى. شەندۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە پىلاننى بالدۇر چۈشۈرۈش، مەبلەغنى بالدۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى 2014-يىلدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم ۋاستە قىلىپ چىڭ تۇتتى ھەمدە خەلق تۇرمۇشىغا ئالدىن ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئاساسى تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرگە نۇقتىلىق ئاجرىتىپ، خەلق تۇرمۇشى تۈرىدىن 67نى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 8مىليارد 804مىليون يۈەن ئاجراتتى. خوتەن ۋىلايىتىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، بېيجىڭ، تىيەنجىن، ئەنخۇيدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە شەھەر كۆلىمى چوڭ بولغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇش تۈرىنى باشلىدى. خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر شەھەر يەتتە ناھىيە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 14-دىۋىزىيىسىدە يەتتە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا ۋە كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭىدىن سېلىىنپ ۋە كېڭەيتىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپ ئۆرلەش نىسبىتىنى زور كۆلەمدە ئۆستۈردى.

  شاڭخەي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، مەدەنىيەت جەھەتتىن بىرىكىشنىڭ مۇھىملىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەت يېتەكچىلىكىدىكى بىر يۈرۈش تۈرلەرنى كۆپەيتتى. يەكەن ناھىيەلىك سۈرەت ئۇچۇر مەركىزى كۆپ خىل ئىقتىدار مەركەزلەشكەن ئۇنىۋېرسال گەۋدە بولۇپ، مەركەزدە ياش-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى، شەھەر پىلان كۆرگەزمە زالى بولۇپلا قالماستىن، يەنە پۇدۇڭ شەھەر خەلقى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ شەكلى تەقلىد قىلىنغانىدى، ئامما بۇ يەردە بىرلا قېتىمدا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، داۋالاش سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتنى بېجىرەلەيدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە يەنە ھەر قايسى ساھەلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرى ۋە كادىرلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە كادىرلارنى ئىقتىساسلىقلارنى بىرمۇ-بىر تەربىيەلەشكە يىتەكچىلىك قىلىش مېخانىزمى تۇرغۇزۇلۇپ، مائارىپ، داۋالاش، شەھەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە ياردەم بېرىش ۋە يېتەكلەش رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، شۇ يەردىكىلەرگە بىر تۈركۈم مۇستەھكەم ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر