باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمەنلىك خىزمىتىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىندى

2014.05.30 08:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 26-ماي يىغىن ئىچىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتىگە يەنىمۇ تۇرتكە بولۇشنى مۇھاكىمە قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيلىقىدا ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئومۇمىيلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، جەمئىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولماقتا. ئەمەلىيەت، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭ سىياسەت، فاڭجېنلىرىنىڭ تامامەن توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە جىددىيلىكىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قارىتىش كېرەك. مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھەقىقى تۈردە قوغداش كېرەك. زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى نۆۋەتتىكى كۆرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، دىنى ئەسەبىي كۈچلەر سېپىڭنىڭ كىرىشى، يامرىشى ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توسۇپ ئۇزاق مۇددەت جەڭ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، غەلبە قىلىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقى تۈردە ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئومۇمىي يۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق لىنىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ھەر قايسى تەرەپلەردە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، قوش تىل مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز ئارا بىرلىشەلەيدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى ۋە مەھەللە رايون مۇھىتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باراۋەر، ئىتتىپاق بولغان ۋە ئۆز ئارا ياردەملىشىدىغان ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىنى خىزمىتىنىڭ تۈپ فاڭجېنىنى، قانۇنلۇقىنى قوغداشدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى، ئەسەبىيلىكنى، سىڭىپ كىرىشنى توسۇپ، جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلارنى يېتىلدۈرۈش كۈچىنى زورايتىپ، دىنى ئىناقلىقنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: خەلق تۇرمۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىلمىي تەرەققىياتقا تۇرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىشسىز ئائىلىلەردە ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش؛ مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلىرىنىڭ مائارىپ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چەت ياقا چېگرا رايونلاردا ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ھەقسىز مائارىپنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر قايسى مىللەتلەرنى تەڭ بەھرىمەن قىلىش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر قايسى مىللەت ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزىدىغان زور تۈرلەر قۇرۇلۇشىغا تۇرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك. بايلىق ئېچىش، ئۇندىن پايدىلىنىش داۋامىدا، يەرلىكنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتدا چىڭ تۇرۇپ، سۇ تۇپراق بايلىقىنى ئېچىپ ۋە ئۇنى مۇۋاپىق تەقسىم قىلىپ، تېجەشلىك پايدىلىنىش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىتنى ئاسراش كېرەك؛ ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلەندى: جەمئىيەت ئامانلىقنى كۈچەيتىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەت موداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، تور بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، قانۇنچىلىق تەشۋىقىي تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەخسۇس تۈرلەردە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىملىق ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ شىنجاڭدا كۆپ يۈز بېرىشىنى ۋە ئىچكى رايونلارغا يامرىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇش كېرەك. ئىدولوگىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشى سىستېمىسى ئارقىلىق شىنجاڭنى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرتىغا ئايلاندۇرۇپ تەشۋىقات، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئىستىھكامىنى قەتئىي ئىگىلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلەندى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، ئاساسىي مۇستەھكەم كادىرلار قوشۇنىغا، چىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى سىستېمىسىدىن، پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئاممىۋى خىزمەت مېخانىزمغا تايىنىشتا. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ھەقىقى ياخشىلاپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى مۇستەھكەم سىياسىي، ئىدىيىۋى، تەشكىلى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر