- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاشى 7-ئايدىن باشلاپ بازار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى پۇل تېپىش قىيىنلىشىپ كېتىدىغان بولدى، دېدى
2014.05.27 20:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى، «نىزام»دا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىش ئورنى تەسىس قىلىش، ئاشكارا قوبۇل قىلىش ۋە رىقابەتلىشىپ ئىش ئورنىغا چىقىش، تەكلىپ قىلىش توختامى، مۇكاپاتلاش-جازالاش ۋە ماجىرانى بىر تەرەپ قىلىش، مائاش-تەمىنات ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقىلارغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى تۇنجى سىستېمىلىق مەمۇرىي نىزامى ھېسابلىنىدۇ.
7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان بۇ نىزام 1 مىليون 110 مىڭ كەسپىي ئورۇن ۋە 31 مىليون 530 مىڭ كەسپىي شىتاتلىق خادىمغا چېتىلىدىغانلىقى بىلەن دىققەتكە سازاۋەرلەنمەكتە.
«نىزام» جەمئىي 10 باب، 44 ماددا، جەمئىي 2800 خەت بولۇپ، بۇ ئاددىيغىنە ھۆججەتنىڭ كەينىگە كىرگىلىمۇ، چىققىلىمۇ بولىدىغان، ئۆسكىلىمۇ، چۈشكىلىمۇ بولىدىغان ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمىنى قانداق ئورنىتىش كېرەك؟ مائاش، تەمىنات ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؟ قاتارلىق مۇرەككەپ مەسىلىلەر يوشۇرۇنغان.
ئىگىلىشىمىزچە، «نىزام»نىڭ يانداش ھۆججەتلىرى تېخى چىقىرىلماپتۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى جۇڭ 25-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بۇ يىل بىر قاتار ئالاقىدار تۈزۈملەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر