باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 3891ى بىر تەرەپ قىلىندى

2014.05.27 20:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى، 2014-يىل 4-ئايدا مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق مەسىلىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. 4-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 3891 مەسىلە بىر تەرەپ قىلىندى.

  بۇ ئايدا مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى ئاساسلىقى خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىشقا مەركەزلەشكەن ، بۇ تۈردىكى مەسىلىلەر جەمئىي 2272 بولۇپ، بىر تەرەپ قىلىنغان ئومۇمىي مەسىلە سانىنىڭ %58 ىنى ئىگىلەيدۇ. باشقا مەسىلىلەر ئاساسلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى سەپلەش ۋە ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت پۇلىدا يۇقىرى باھالىق كۆڭۈل ئېچىش ۋە چېنىقىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشش ۋە باشقىلارنىڭ شۇ خىل مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلىش، چاكىنىلىق، ھورۇنلۇق، چېچىلاڭغۇلۇق قاتارلىقلار. بۇ ئايدا، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبىدىن، 5468 ئادەم بىر تەرەپ قىلىندى، 1652 ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر