باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى يېڭى سىياسىتى چىقىرىلدى

2014.05.27 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرى رەسمىي تەڭشىلىدۇ. ھازىرغا قەدەر مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ھەممىسى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى يېڭى سىياسىتىنى چىقاردى.

  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ بۇ يىلقى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتىگە قارايدىغان بولساق، ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش شۇ بولدىكى، بۇ قېتىمقى تەڭشەشكە چېتىلغان كۆپلىگەن ئەنئەنىۋىي نومۇر قوشۇش ساھەلىرى، مەسىلەن: ئولىمپىك ماتىماتىكىسى، پەن-تېخنىكا، تەنتەربىيە، سەنئەت، ئاز سانلىق مىللەتلەر قاتارلىق نومۇر قوشۇلىدىغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسىدە، قوشۇلىدىغان نومۇر ئازايتىلغان. يەنە مەسىلەن: بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا، سىچۇەن ئۆلكىسى بۇ يىل جەمئى 29 نومۇر قوشۇلىدىغان تۈرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، بۇنىڭدىن باشقا 17 تۈردە قوشۇلىدىغان نومۇرنى ئازلاتقان. بۇ يىل بېيجىڭ شەھىرىمۇ تەنتەربىيەدە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا قوشۇدىغان نومۇرنى ئازلاتتى. ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا قوشۇپ بېرىلىدىغان 10 نومۇر 5 نومۇرغا چۈشۈرۈلدى.

  ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنىڭ تەڭشىلىشىگە قارىتا، نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار: بۇ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئادىللىقىنى ئاشۇردى، دەپ قاراشتى. دۆلەتلىك ئوقۇتۇش ئىشلىرى نازارەتچىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك 1-ئۆكتەبىر مەكتىپىنىڭ مۇدىرى لى شىگۇي مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جايلارنىڭ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا قوشۇپ بېرىلىدىغان نومۇرنى قاتتىق ئازايتىشى مائارىپنىڭ ئادىللىقىنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، ساپا مائارىپىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، بالىلارنىڭ ساغلاپ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر