باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭىچە سانائەتلىشىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئىقتىسادى ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى

2014.05.27 09:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2010-يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى پەن-تېخنىكا تەركىبى يۇقۇرى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى، بايلىق سەرپىياتى تۆۋەن، مۇھىتنى بۇلغىشى ئاز، ئادەم كۈچى بايلىقى ئۈستۈنلۈكى تولۇق جارىي قىلدۇرۇلغان يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئىقتىسادى ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

  ئىستاتىستىكىدىن ئايان بولىشىچە، 2013-يىلى شىنجاڭنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى 320 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2009-يىلىدىكىدىن بىردىن كۆپرەك قاتلانغان. بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە، سانائەت %10.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 2.1 پوئىنت يۇقۇرى بولغان. تەرەققىيات سۈرئىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سانائەت قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. شاڭخەي ئاممىباپ ئاپتوموبوىل شىركىتىنىڭ تۇنجى پىكاپى ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن، سەنيى ئېغىر سانائەت شىركىتىنىڭ تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شىنجاڭ چىڭخۇا شىركىتى مەملىكەت ئىچىدە تۇنجى بولۇپ كۆمۈردىن تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقاردى، تۆت يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئالاھىدە كان مەھسۇلاتى، ماشىنا-ئېلېكتىر جابدۇقلىرى، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق كەسىپلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، مۇستەقىل تەتقىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، بىر تۈركۈم مەملىكەت بويىچە ھەتتا دۇنياغا داڭلىق كارخانىلارنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇنىڭ پايدىسىدا، نېفىتتىن باشقا سانائەتنىڭ سالمىقى %38 تىن % 56 كە ئۆستى.

  ئېشىش مىقدارىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش، قۇرۇلمىنى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۆتكەن يىلى «100 مىليارد، 10 مىليارد قۇرۇلۇشى» نى يولغا قويۇپ، نېفىت، نېفىت-خىمىيە، يېڭىچە كۆمۈر خېمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر، رەڭلىك مېتال، ماشىنا جابدۇق ياسىمىچىلىقى، پولات-تۆمۈر، بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، ئالاھىدە يېنىك سانائەتتىن ئىبارەت 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان سەككىز كەسىپ توپىنى، 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان بەش كەسىپ باغچىسىنى بەرپا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر