باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىللىق خەلقئارا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر ۋە بۇيۇملار كۆرگەزمىسى شىنىڭدا ئېچىلدى

2014.05.27 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى، چىڭخەي، گەنسۇ، شىنجاڭ قاتارلىق ئۆلكە ئاپتونوم رايونلار بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن 2014-يىللىق جۇڭگو چىڭخەي خەلقئارا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر ۋە بۇيۇملار كۆرگەزمىسى يېقىندا شىنىڭدا ئېچىلدى، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە يېشىل بولۇش، ھالقىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق غەلبە قىلىش ئاساسى تېما قىلىنىپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ داڭلىق ماركىلىرى ۋە يېڭى مەھسۇلاتلىرى كۆرسىتىلدى، جايلارنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ۋە بۇيۇملار كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نەتىجىسى گەۋدىلەندى، 37 دۆلەت ۋە رايون، 28 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردىكى 960 دىن كۆپ كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

  چىڭخەي ئۆلكىسى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر ۋە بۇيۇملار كۆرگەزمىسىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم سەھنە قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى، نۆۋەتتە نەچچە ئون تۈر ئىمزالاندى، سودا سوممىسى 1 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  يەر شارىنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ۋە بۇيۇملار كەسپى 2 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بازار كۆلىمىگە ئىگە، تونۇشتۇرۇلىشىچە، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ۋە بۇيۇملار كەسپىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىزچىل تۈردە تەخمىنەن %10 بولۇۋېتىپتۇ، بولۇپمۇ چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون مول ئالاھىدىلىككە ئگە بىر تۈركۈم مۇسۇلمانچە ماركىلارنى ياراتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر