باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى

2014.05.27 09:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، مەركەزنىڭ تەستىقلىشى ئارقىسىدا دۆلەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى شىنجاڭنى ئاساسى كۆرەش مەيدانى قىلىش، باشقا ئۆلكە ئاپتونوم رايون شەھەرلەر ئاكتىپ ماسلىشىش ئارقىلىق بىر يىل زوراۋانلىق تېررورلۇققا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نۆۋەتتە جىددىي مۇرەككەپ بولۇۋاتقان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشى ۋەزىيىتىگە ئۈنۈملۈك ماسلىشىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشنى قارار قىلغان.

  23-ماي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن كېيىن، 25-ماي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋىدىيولۇق يىغىن ئېچىپ، ئىچكىرى جايلاردا بۇ مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرىشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنىڭ روھىنى ۋە مەركەزنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زوراۋانلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ مۇھىملىقى، زۆرۈرلۈكىنى تولۇق تونۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەزكۇر رايوننىڭ مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئەتراپلىق تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ خىزمىتىگە پائال ماسلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش ،ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇستەھكەم كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، زوراۋان تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە نورمال جەمئىيەت تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر