باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار

2014.05.27 09:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خۇاڭخې خۇەيخې دەريا ۋادىسى كۈزگى بۇغداي رايونىدا يەنە 10 نەچچە كۈندىن كېيىن زور كۆلەمدە يىغىم بولىدۇ، بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن يەنە ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى دېھقانچىلىق ئەھۋالى ئۇچۇرىغا قارىغاندا يازلىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى مۇقىم ئاشقان، يازلىق ئاشلىق كۆلىمى 415 مىليون موغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 10 نەچچە مىليون مودىن ئارتۇق ئېشىشى مۇمكىن، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى ئومۇميۈزلۈك : بۇ يىل كۈزگى بۇغداي ئۆسۈش جەريانىدا ئاپتاپ ۋە سۇ يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىكىدىن تولۇق، ياخشى بولغانلىقى، بۇغداي باشاقلىرىنىڭ تولۇق، ئېگىز تەكشى ئۆسكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى.

  نۆۋەتتە قىچا پىشىپ، ئورۇۋېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، چىلگە شال مايسىلىرى ياخشى ئۆستى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئومۇميۈزلۈك ئوڭۇشلۇق بولدى، 19-مايغىچە مەملىكەت بويىچە 1 مىليارد 125 مىليون مو يەرگە ئەتىيازلىق زىرائەت تېرىلىپ، پىلاننىڭ %82.5 ئى ئورۇندالدى.

  خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى بوز يەر رايونىدا شال مايسىلىرى تېرىش ۋە تېرىقچىلىق خىزمىتى تولۇق ئاياغلىشىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۇدا 11 يىل ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالغان.

  خېيلوڭجياڭ بوز يەر ئېچىش رايونى تېرىلغۇغا قىلىنغان تەييارلىق تولۇق بولۇش، كىلىمات بالدۇر ئىسسىش قاتارلىق پايدىلىق شارائىتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، چوڭ دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇغداي، كۆممىقوناق، باقىلا قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىدى، قۇرغاق يەرلەرگە زىرائەت تېرىش ئۆتكەن يىلدىكىدىن 7 كۈندىن 10 كۈنگىچە بالدۇر باشلاندى، شال تېرىش ئالدىنقى يىللاردىكىدىن 3 كۈندىن بەش كۈنگىچە بالدۇر باشلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك %100 لىك ئۆلچەم بىلەن تېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر