باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باقلىنى ۋاقىتلىق ساقلاش سىياسىتى بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىشكە ئۆزگەردى

2014.05.27 09:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېقىندا شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭ بۇ يىللىق باقلىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ نىشاندىكى باھاسىنىڭ 4800 يۈەن بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئۇدا ئالتە يىل ئىجرا قىلىنغان ۋاقىتلىق ساقلاش سىياسىتىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى ئاساسلىق باقلا ئىشلەپچىقىرىدىغان خېيخې ۋىلايىتىدە باقلا تېرىقچىلىقى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، دۆلەت باقلىغا بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىش يېڭى سىياسىتىنى ئېلان قىلغانلىقتىن، نۇرغۇن دېھقانلار كېلەر يىلى تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئويلاشماقتا.

  باقلىنىڭ نىشاندىكى باھا سىياسىتى مۇنداق: بازار باھاسى ھەر توننىسىنىڭ 4800 يۈەندىن تۆۋەن بولغاندا، دۆلەت نىشان باھاسى ۋە بازار باھاسىنىڭ پەرقى ۋە تېرىقچىلىق كۆلىمى، مەھسۇلات مىقدارى ياكى سېتىش مىقدارى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، سىناق قىلىنغان رايونلاردىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىدۇ؛ بازار باھاسى نىشان باھاسىدىن يۇقۇرى بولغاندا، تولۇقلىما بەرمەيدۇ.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، دۆلىتىمىز 2008-يىلىدىن باشلاپ باقلىنى ۋاقىتلىق ساقلاش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھەر يىلى بىر قوغدالما باھانى تۈزگەن ئىدى، يەنى دۆلەت باقلىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ساقلاپ، مۇۋاپىق پەيتتە بازارغا سېلىپ كىم ئارتۇق قىلىپ ساتقان. بۇ سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلىشى بىلەن دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق ئاكتىپلىقى قوغدىلىپلا قالماي، يەنە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ خام ئەشيا تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ بازارلاشتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىشى ۋە باشقۇرىشىغا پايدا يەتكۈزۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر