باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز ئومۇمىي خەلقنىڭ تېجەشلىك جەمئىيەت قۇرۇشىغا باشچىلىق قىلماقتا

2014.05.27 09:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز سەككىز بەلگىلىمە ۋە قاتتىق تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش يۈرۈشلۈك تەدبىرىنى چىقارغاندىن بۇيان، مەركەزدىن يەرلىككىچە، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن جەمئىيەتتىكى ئاممىغىچە پائال ئاۋاز قوشۇپ، قاتتىق تېجەشلىك بولۇشنى دەرھال قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، بايلىقتىن تۈجۈپىلەپ پايدىلىنىشنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى شەكىللەندۈرمەكتە.

  بۇلتۇر 25-نويابىر «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى» ئېلان قىلىنىپ، قاتتىق تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى تۈپ قوللانمىغا ئايلاندى. ئارقىدىن، جايلار، تارماقلار مەركەزنىڭ روھى ۋە يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، چارە ياكى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپلىرىنى تۈزۈپ يولغا قويدى. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ساھەسىدە، گوۋۇيۈەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 12-بەش يىللىق ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە خىزمەت لايىھەسى، 12-بەش يىللىق پارنىك گازىنى تىزگىنلەش خىزمەت لايىھەسى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زىيادە ئېشىپ كېتىش زىددىيىتىنى ھەل قىلىشنىڭ يېتەكچى پىكرى قاتارلىقلارنى چىقىرىپ، تېجەشلىك جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلار، تارماقلار ئارقا-ئارقىدىن سىياسەت چىقىرىپ ھەم بازار ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، كارخانا ۋە ئاھالىلەرنى ئېنېرگىيە، بايلىق تېجەشكە پائال يېتەكلىدى.

  تۈزۈم بولسا كاپالەت، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولسا ئاچقۇچ. ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتىنى تېخىمۇ قىسقارتىشتىن سىرت، نۇرغۇن پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىق ئاممىۋى ئورگانلار يەنە ئېنېرگىيە، بايلىقنى قاتتىق تېجەشكە باشچىلىق قىلدى. بۇلتۇر مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كىشى بېشىغا ئىشلىتىدىغان سۇ، توكى، ھۆكۈمەت ماشىنىسىغا ماي ئىشلىتىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم تۆۋەنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلار ئېنېرگىيە تېجەشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىش ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېشىل تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئىستېمال ئەندىزىسىنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، يېشىل تۇرمۇش قارىشىنى تەدرىجىي كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر