باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى ۋە مىللىي رايونلارنىڭ مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلماقتا

2014.05.27 02:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 26-ماي ئېلان قىلغان «2013-يىللىق جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلىدۇ: 2013-يىلى جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مىللىي رايونلارنىڭ مەدەنىيىتى گۈللەپ تەرەققىي قىلدى، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى تولۇق ھۆرمەتكە ئىگە قىلىندى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2013-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە مىللىيچە يېزىقتىكى نەشرىياتتىن 32 سى، مىللىي تىل-يېزىق تۈرىدىكى ئۈن-سىن، ئېلېكتىرون نەشىر ئورنىدىن 13 ى قۇرۇلدى، مىللىي ئاپتونوم جايلاردا 73 رادىيو ئىستانسىسى، 90 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قۇرۇلدى، تۈرلۈك مەدەنىيەت ئورگىنى 50 مىڭ 834 كە يېتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قوغدالدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تېبابەت، دورىلىرىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋاملىق كۈچەيتىلدى، 2013-يىلىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىللىي شىپاخانا 199 غا يەتتى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلىدۇ: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى تولۇق ھۆرمەتكە ئىگە قىلىندى. ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت نىزامى تۈزۈپ، نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداپ، دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىدى. شىنجاڭدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا ۋە ئۆيلىرىدە قانۇن بويىچە تۈرلۈك نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بار، ھېچقانداق كاشىلىغا ئۇچرىمايدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، قىرغىزچە يېزىقلاردىكى «قۇرئان كەرىم»، «سەھىبۇلخارى جەۋھەرلىرى»، «قۇرئان كەرىم تەپسىرى»، «ۋەز-تەبلىغلەردىن تاللانما» قاتارلىق دىنىي دەستۇر، دىنىي كىتابلارنى نەشىر قىلىپ تارقاتتى.

  دۆلەت شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتى، تۇرمۇشى، ئىجتىمائىي پائالىيەت قىلىش ھوقۇقى، ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە دىنغا نورمال ئېتىقاد قىلىش، نەزىر-چىراغ پائالىيەتلىرى، مۇھىم دىنىي ۋە ئەلئىچى بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلدى ۋە قوغدىدى. گېگەنلىككە ۋارىسلىق قىلىش لاما دىنىنىڭ ئالاھىدە ۋارىسلىق قىلىش ئۇسۇلى سۈپىتىدە دۆلەت تەرىپىدىن ھۆرمەت قىلىندى. دېموكراتىك ئىسلاھات يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 60 تىن ئارتۇق يېڭى گېگەن تارىخىي تۈزۈم ۋە دىنىي قائىدىلەر بويىچە تەستىقلاپ بېكىتىلدى. دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئارىسىدا نورمال دىنىي پائالىيەتلەر جايىدا ئېلىپ بېرىلدى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز مىللىي تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە قانۇنلۇق ئىشلىتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. دۆلەت مىللىي رايونلاردا قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ. ھازىر مەملىكەت بويىچە مىللىي ئالىي مەكتەپتىن 15 ى بار، بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 240 مىڭچە كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر