باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلاردىكى كادىرلار ئامما ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگە زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلوسىنى ئەيىبلىدى

2014.05.26 09:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  22-ماي ۋۇخەن خەنتيې تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى شىنجاڭ سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى قۇربانجان ئەسقەر بىلەن سۈبھى ئەسقەر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بىز زوراۋان تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئىنسانلارغا قارشى قىلمىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز.بىز چوقۇم ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىپ،جاسارەتلىك بىلەن ئورنىمىزدىن تۇرۇپ،ئەسەبىي دىنىي ئىدىيىنى بىرلىكتە توسۇپ،تېررورچى ئۇنسۇرلار بىلەن بولغان ئۇرۇشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بارىمىز.

  شىزاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش ئىنىستېتوتى 2010-يىللىق مالىيە باشقۇرۇش سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى يىشىجوگا مۇنداق دېدى:زوراۋان تېررورچىلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

  يۈننەن مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى لى سەييۈەن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى. ئۇ ئۈندىداردا مۇنداق دەپ سۆز قالدۇردى:زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋەقەلىرىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. ئىسلام بىزنى كەڭ قورساق بولىشىمىز، ئۆچ ئاداۋەت ساقلىماسلىقىمىزغا يېتەكلەيدۇ. زوراۋانلىقنى ئەمەس تىنچلىقنى ياقلايدۇ.

  نىڭشيا ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، يىنچۈەن شەھىرى شىنچىڭ رايونى مەركىزىي مەسچىتىنىڭ ئىمامى ياڭ فامىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:ئىسلام دېنىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر،ئوتتۇرا يول تۇتىدىغان؛تىنچلىق،ئىتتىپاقلىقنى ياقلايدىغان ئاساسىي روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكى ، ئىتتىپاقلىق مۇقىملىقنى قوغدىشىمىز لازىم.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى،شىزاڭ بۇددا دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،داجاۋ بۇتخانىسى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى لابا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىل ۋىجداننى يوقىتىدىغان ئىشلارنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.مەن بۇتخانىدىكى بارلىق راھىبلارغا ۋاكالىتەن بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاپاتلىرىدىن ھال سورايمەن. بىگۇناھ قازا قىلغۇچىلارغا دۇئا قىلىمەن.

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سۈن يوڭ مۇنداق دېدى: بۇ توپىلاڭچىلارنىڭ ۋىجدانسىز قىلمىشىنى ھېچكىم كەچۈرمەيدۇ. شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ئۈچ خىل كۈچكە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر