باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى چەتئەل ۋەكىللىرىگە 22-ماي ۋەقەسى مەلۇم قىلدى

2014.05.26 09:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  23-ماي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى دېلو مەلۇم قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا، رۇسىيە، يېڭى زېللاندىيە قاتارلىق 29 دۆلەتنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق 33 قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىك ۋەكىلىگە شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن 22-ماي زوراۋان تېررورلۇق دېلوسى ئەھۋالىنى مەلۇم قىلدى.

  جۇڭگو مەلۇم قىلىش داۋامىدا 22-ماي زوراۋان تېررورلۇق دېلوسىدىكى پارتلىتىلغان نەق مەيداندىكى قىسمەن ۋىدىيو ۋە سۈرەتلەرنى كۆرسەتتى. جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىك تارماقلىرى بىلەن زىچ ئالاقە قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى ئاخبارات ئالماشتۇرۇش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بارلىق شەكىلدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى جۇڭگونىڭ ساقچى دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ئاخبارات يىپ ئۇچىدىن ۋاقتىدا ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ماسلىشىپ، دېلونى تېزدىن پاش قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتى مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىي زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە ئورتاق زەربە بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكا قوشماشىتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ياردەمچى قانۇن مەخسۇس خادىمى ۋۇ بېيچېڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلدى. ئۇ ئامېرىكا جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە مەدەت بېرىدۇ ھەمدە ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ياردەم بېرىشنى خالايدۇ، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر