باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

2014.05.26 09:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 23-ماي ھۆكۈمەت تورىدا «نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش جەمئىيەت قاتنىشىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ئېلان قىلدى، لايىھەدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بەش يىلدا بىر قېتىم جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش بويىچە تەقدىرلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جۇڭگوچە جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش شەرەپ تەقدىرلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان، تۆھپىسى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغان كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرگە ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا تۈرلەر بويىچە نام بەرسە بولىدۇ.

  لايىھەدە مۇنداق دېيىلدى: ھەرقايسى پارتىيە گۇرۇھلار، سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلار، كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلات، شەخسلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە شەرقى غەربى قىسىمنىڭ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ماسلىشىش خىزمىتىنى باھالاش مېخانىزمى ۋە مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. مەملىكەتلىك نامراتلارنى يۆلەش قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش كۈنى تەسىس قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەشكە قاتنىشىشى، مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈشىگە تەشكىللەش سەپەرۋەرلىك سەھنىسى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە لايىھەدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شارائىتى بار ئىدارىلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش فوندى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىش، جەمئىيەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى توپلاش يوللىرىنى كېڭەيتىش، مەخسۇس پۇلنى نامراتلارنى يۆلەش، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا سەرپ قىلىش كېرەك. مالىيەدىن نامراتلارنى يۆلەش ئاممىۋىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ھۆكۈمەت نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى تۈزۈش لازىم. نامراتلارنى يۆلەش ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنى تىزىملاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خاراكتېرلىك ئىئانە بېجىدىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىش سالاھىيىتى بېرىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر