باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمەت سەھنىسى قۇرىدۇ

2014.05.22 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى 19 ئۆلكە شەھەردىكى دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى 19 ئۆلكىلىك، شەھەرلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە شىنجاڭدىكى ياردەمگە ئېرىشكەن ھەرقايسى ۋىلايەت ئوبلاستلار، بىڭتۈەندىكى ياردەمگە ئېرىشكەن ھەرقايسى دىۋىزيە دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش كومىتېتىدىن تەشكىللەنگەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسى شىنجاڭغا كەسىپتە ياردەم بېرىش خىزمەت سەھنىسى بەرپا قىلىشنى قارار قىلدى.

  ئىگەللىنىشىچە، كەسپىلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سەھنىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى 19 ئۆلكە شەھەردىكى دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى مەخسۇس يىغىنى قەرەللىك ئېچىلىدىكەن، ھەرقايسى سەھنىگە ئەزا ئورۇنلار يىغىنغا قاتنىشىپ، ھەمكارلىق تۈرى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، تۈرنى يولغا قويۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يولۇققان مەسىلىلەرنى تەڭ ۋاقىتتا تەتقىق قىلىپ، كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يۈرۈشلەشتۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر