باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ باشلىقلار يىغىنى ھەققىدە

2014.05.21 17:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ باشلىقلار يىغىنى بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك كۆپ تەرەپلىمە يولغا قويغاندىن بۇيان، دۆلەتلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت سىفىرلىق تىرەك سۇپىسى، دۆلەتلىك سىفىرلىق مەدەنىيەت تورى، جۇڭگو مەدەنىيەت تور تېلىۋىزىيەسى، چېگرا رايون ئون مىڭ چاقىرىملىق سىفىرلىق مەدەنىيەت كارىدورى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنى يولغا قويدى، ئەمما ئېلىمىزنىڭ چېگرا رايونى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، يېرى كەڭ ئادىمى ئاز، چېگرا سىزىقى ئۇزۇن، قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش قولايلىقسىز بولۇشتەك ئەھۋالى ئىلگىرىكى مەمۇرىي رايون بويىچە مۇقىم تەسىس قىلىش نۇقتىسى قېلىپى بويىچە قۇرۇلغان سىفىرلىق مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى بىۋاسىتە چەكلەپ، بۇ مەسىلىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئىنتايىن گەۋدىلىك بولماقتا.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئىچكى موڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ، يۈننەن، شىنجاڭ، شەندۇڭ، خەينەن، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردا ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، «چېگرا رايوننىڭ ئون مىڭ چاقىرىملىق سىفىرلىق مەدەنىيەت كارىدورى» سىناق خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، نۆۋەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىچكى موڭغۇل تۇنجى بولۇپ «سىفىرلىق مەدەنىيەتنى موڭغۇللارنىڭ كىگىز ئۆيىگە كىرگۈزۈش» تۈرىنى يولغا قويدى، ئاپتونوم رايونلۇق كۈتۈپخانا ئاممىۋى سىفىرلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، سىمسىز تور تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىنتېرنېت تورى تۇتاشمىغان چەت يىراق جايدىكى دېھقان چارۋىچىلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا ئۈچ دەرىجىلىك سىفىرلىق ماي قاچىلاش پونكىتى قۇرۇپ، 24 سائەت ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۈنۈملۈك سىفىرلىق مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، 100 مىڭدىن ئارتۇق چارۋىچى نەپكە ئېرىشتى؛ شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى چېگرا رايوندىكى مەدەنىيەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان 25 يېزا بازار مۇلازىمەت نۇقتىسىدا ئارخىپ ئېلىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، «ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى بايلىق قۇرۇلۇشى مەركىزى» نى قۇرۇپ، چېگرا رايون مەدەنىيەت قوشۇنىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر