باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دالاي لاما XIV قىلغان مۈجمەل سۆزنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

2014.05.21 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا دالاي لاما XIV پېتىراپ يۈرۈپ نورۋېگىيەنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، ئۇنىڭدىن «ئىلگىرى تىبەتلەرنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلغانمۇ يوق» دېگەن سوئالغا، «بۇ ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلە»، ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋېلىش دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە بولۇپ «تولىمۇ، تولىمۇ مۇرەككەپ» دېگەن. بۇنىڭغا قارىتا، بەزى تاراتقۇلار مۇنداق قارايدۇ، دالاينىڭ «گېپىنىڭ مەنىسىدە مۈجمەللىك بار». مۇشۇنداق ئۆزىنى «ئەقىللىق»، «دىننىڭ داھىيىسى» دەپ يۈرگەن ئادەم مۇشۇنداق مەسىلىگە يولۇققاندا قىيىن ئورۇنغا چۈشۈپ قالامدۇ؟

  ھەممىگە ئايانكى، تىبەت بۇددىزمىدا دىنىي ئەقىدە ياكى ۋارىسلىق قىلىش تەرەپتىن بولسۇن، ھەممىسى ئۆلتۈرۈشكە قارشى تۇرىدۇ، باشقىلارنى ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ 2012-يىلى 9-ئايدىن 2013-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، جۇڭگو سىچۈەن گەنزى تىبەت رايونىنىڭ بەزى جايلىرىدا ئارقىمۇ ئارقىدىن راھىبلار ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. بۇلار دالاي تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ۋە ئۇلارغا پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن ئىكەن. 2012-يىل 9-ئايدا، دالاي گۇرۇھى 2-نۆۋەتلىك تىبەت ئالاھىدە قۇرۇلتىيى چاقىرىپ، تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغانلارنى «ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى تىنچلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلار» دەپ ئاتاپ، ئۇلار ئۈچۈن خاتىرە سارىيى سالدۇرۇپ، مەبلەغ چىقىرىپ، قېچىپ يۈرگەن تىبەتلەرنى تەشكىللەپ، «مەدەت بېرىش كۈنى» ئۆتكۈزۈپ، بار كۈچى بىلەن ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەسىنىڭ خەلقئارا تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغان. بولۇپمۇ يىغىندا ئوچۇق-ئاشكارا «شىزاڭ مۇستەققىل بولمايدىكەن ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋېلىشمۇ توختىمايدۇ، دالاي دۆلەتكە قايتمىسا ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋېلىشمۇ توختىمايدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. دالاي گۇرۇھىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋېلىشتەك قىلمىشى خەلقئارانىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىنى ئالداپ قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت ۋە بارلىق ھەققانىي، ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلارغا چوڭقۇر ئىچ ئاغرىتىۋاتقان پەيتتە دالاي لاما XIV ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋالغانلارنىڭ سەمىمىي-ساداقىتى، باتۇرلۇقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ماختاپ، «ھەرىكەتكە كېلىش ئىبادەتتىنمۇ مۇھىم» دەپ قۇتراتقۇلۇق قىلغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر