باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكېمون بىلەن كۆرۈشتى

2014.05.19 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى تۈنۈگۈن شاڭخەيدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكېمون بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئاسىياغا ئېھتىياجلىق بولغان ئاسىيا بىخەتەرلىك قارىشىنى شەكىللەندۈرۈش، رايون بىخەتەرلىك رامكىسىنى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلىشنى خالايدۇ. ۋاڭ يى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاسىيانىڭ ئىشلىرىغا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك، ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئىقتىدارى بار.

  بانكېمون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشى ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى قوللايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر