باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتمەكتە

2014.05.19 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 18-ماي شاڭخەي ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخبارات مەركىزىدە جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى چېڭ گوپىڭ ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 4-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  چېڭ گوپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن، ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 4-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى شاڭخەيدە داغدۇغىلىق ئېچىلىدۇ. ھەر قايسى تەرەپ بېكىتكەن ئەڭ يېڭى ئەھۋالغا ئاساسەن، نۆۋەتتە ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، باشلىقلار يىغىنىنىڭ مېھمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 46 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى، مەسئۇللىرى ياكى ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتنىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئافغانىستان، ئەزەربەيجان،ئىران، قازاقىستان، قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە، پاكىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، سېرىلانكىدىن ئىبارەت 11 دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭى بار؛ بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقى يەنى كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇنسېن بار؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكېموننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى بار.

  چېڭ گوپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتتىن، قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېف، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئاتانبايېف، ئىران زۇڭتۇڭى روھانىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەتنىڭ باشلىقى جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ، بۇ چاغدا رەئىس شى جىنپىڭ تۆت دۆلەتنىڭ باشلىقى بىلەن سۆھبەت، ئىمزالاش مۇراسىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزايى، ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئېلىبېگدورجى، پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىن، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇنسېن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكېمون قاتارلىق باشقا دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر ئۆز ئارا بىر قانچە مەيدان ئىككى تەرەپلىك پائالىيەت ئۆتكۈزىدۇ.

  چېڭ گوپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشى قۇرۇلغان 22 يىلدىن بۇيان، ئاسىيادىكى مەدەنىيەت ھالقىغان، رايون ھالقىغان، رايون بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ساناقلىق مۇھىم كۆپ تەرەپلىك سەھنىگە ئايلىنىپ، ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى مۇقىملىقى ۋە سۆزلىشىش ھەمكارلىقىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشى تارىخىدىكى نامايەندە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كاتتا مەرىكە بولۇشىنى كۈتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر