باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سودا مىنىستىرلىرى يىغىنىدا بىر يۈرۈش ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى

2014.05.19 09:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىللىق ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سودا مىنىستىرلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن چىڭداۋادا يېپىلدى. بۇ نۆۋەتلىك سودا مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ رەئىسى، جۇڭگونىڭ سودا مىنىستىرى گاۋ خۇچېڭ يىغىندىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا«كەلگۈسى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە بىرلىكتە يۈزلىنىش» دېگەن باش تېمىدا، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاش ۋە سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇش، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەر شارى قىممەت زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە ئىقتىسادتا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، ئىسلاھات ۋە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ئۇل ئەسلىھە ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق قارالمىلار توغرىسىدا كەڭ پىكىر ئالماشتۇرۇلۇپ، بىر يۈرۈش مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى ھەمدە «2014-يىللىق ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر سودا مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ چىڭداۋ باياناتى» ۋە «ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر سودا مىنىستىرلىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاش مۇستەقىل باياناتى» ئېلان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر