باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» ئېلان قىلىندى

2014.05.16 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى قوللاش ئۈچۈن، يېقىندا « تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، بازارنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش، ئىمپورت ئېكىسپورتنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تاشقى سودىنىڭ تەرەققىياتى مۇقىم ئېشىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، جۇڭگو ئىقتىسادى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ پايدىلىق. ھازىر ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولماقتا، پۈتۈن يىللىق ئالدىن كۆزلەنگەن نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ، ھازىرغا ۋە يىراققا تەڭ ئېتىبار بېرىش، كەسكىن كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. «پىكىر»دە مۇنداق تۆت جەھەتتىكى سىياسەت تەدبىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلدى: 1-، تاشقى سودا قۇرۇلمىسىنى تىرىشىپ سەرخىللاشتۇرۇش. 2-، سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش. 3-، سىياسەت كاپالىتىنى كۈچەيتىش. 4-، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر