باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى جاكوب لېۋنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى

2014.05.16 14:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تۆنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، مالىيە مىنىستىرى جاكوب لېۋنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، مالىيە مىنىستىرى جاگۇب لېۋ 13-ماي جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى. زىيارەت مەزگىلىدە باش مىنىستىر لى كېچياڭ، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋاڭ ياڭ ئايرىم ئايرىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى، سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىقتىسادى مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. خۇ چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسلىق نىشانىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئۆز ئارا تولۇقلاشچانلىقىنىڭ گەۋدىلىك ئىكەنلىكى، ئورتاق مەنپەئەتىنىڭ ئىختىلاپتىن چوڭ ئىكەنلىكى، ئىككى تەرەپنىڭ سودىغا مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە مۇھىتى، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتى مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىلدۈردى. ئامېرىكىنىڭ خەلققە ئىشلىتىدىغان يۇقىرى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا ئېكىسپورت قىلىشنى قويۇۋېتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا ئادىل رىقابەتلىشىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى. خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جاگۇب لېۋ: ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تىرىشىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى ۋە كۈچەيدى. جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى كىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ئامېرىكا جۇڭگو ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئىقتىساد سۆزلىشىشى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە يېقىندىن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر