باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە كېڭىشى تۈزۈمى ئورنىتىشقا قوشۇلدى

2014.05.16 14:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يېقىندا دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باشلامچى بولۇپ كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە كېڭىشى تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا قوشۇلۇپ تەستىق سالدى. بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ ئاساسلىق فۇنكىتسىيىسى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ ياخشى ئىشلەش؛ كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى زور مەسىلىلەرنى تەشكىللەپ تەتقىق قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش، كىرىم تەقسىماتى سىياسىتى ۋە ئومۇمىي پىلانى، كەسىپى، باھاسى قاتارلىق سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمى لايىھىسى بىلەن تارماقلارنىڭ مەخسۇس ئىسلاھاتىنى باغلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۇرۇشنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈش، تارماقلارنىڭ ئالاقىسى ۋە ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى كۈچەيتىش، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى مەخسۇس ئىسلاھاتنى كېڭىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر