باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى يۈزگە يېقىن زات مۇنداق بىلدۈردى

دىنىي رادىكال ئىدىيە ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ يوشۇرۇن خەۋپلىك دۈشمىنى

2014.05.16 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوتتۇراھال يول تۇتۇش كۈچى بىلەن رادىكاللىقنى چەكلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل نىيىتى ۋە جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ھەق-ناھەقنى ئايرىپ، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، رادىكاللىقنى چەكلەپ، زورلۇق كۈچلەرگە قارشى تۇرۇپ، مۆمىن مۇسۇلمان بولۇش.»

  14-مايدىن 15-مايغىچە، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى مۇھاكىمە يىغىنىنى ئاچتى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يۈزگە يېقىن ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئون نەچچە مۇتەخەسىس ۋە ئالىملار مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنىي زاتلار ۋە كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىغا بۇ ئوچۇق تەشەببۇسنامىنى چىقاردى.

  بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ كۆلەملىك مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق قاتارلىق ئېسىل ئەنئەنىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنى روھىدىن ئايرىلغان سەپسەتىلەرگە رەددىيە بېرىپ، دىنىي رادىكال ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىنى چەكلەش.

  يىغىنغا قاتناشقانلار مۇنداق بىلدۈردى، دىنىي رادىكال ئىدىيە ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي روھىدىن چەتنىگەن بولۇپ، ئۇ ئىسلام دىنى ئەمەس، بەلكى ئىسلام دىنىدىن يامان غەرەزدە پايدىلىنىش، يەنە كېلىپ ئىسلام دىنىغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ يوشۇرۇن خەۋپلىك دۈشمىنى بولۇپ قالدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر