باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كەسپىي كىشىلەر توپىغا قويۇلىدىغان چەكلىمە بىكار قىلىنىپ، تېخىمۇ زور ئېتىبار بېرىلدى 

2014.05.15 15:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  - ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت باج سىياسىتى توغرىسىدا 

  مۇخبىرنىڭ دۆلەت باج باش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشسىزلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت يېقىندا سىياسەت چىقىرىپ، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەدەت ۋە تۈرتكە بولىدىغان باج سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن. ئەسلى سىياسەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى سىياسەتنىڭ قوللاش سالمىقى زور بولۇپ، باج باش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى يېقىندا بۇ سىياسەتنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

  كەسىپ چەكلىمىسى بىكار قىلىندى

  ئاپرېلنىڭ بېشىدا ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا 2013 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا قەرەلى توشىدىغان نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەدەت ۋە تۈرتكە بولىدىغان باج سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇش ۋاقتىنى 2016 – يىل 31 – دېكابىرغىچە ئۇزارتىش قارار قىلىندى ھەم بۇ سىياسەتنى تېخىمۇ مۇكەمەللەشتۈرۈش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  باج باش ئىدارىسى سىياسەت، قانۇن – نىزام مەھكىمىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى سۇڭ مىڭ مۇنداق دېدى: ئەسلىدىكى سىياسەتتە بەزى كەسىپلەر يەنى يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردىن بىناكارلىق، كۆڭۈل ئېچىش كەسپى ۋە كۆچمەس مۈلۈكلەرنى سېتىش، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئېلانچىلىق، ئۆي ۋاسىتىچىلىقى، سائۇنا مۇنچىسى، ئۇۋۇلاش، تورخانا، ئوكسىگېنخانا سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى.

  سۇڭ مىڭ مۇنداق دېدى: تەڭشەلگەندىن كېيىنكى يېڭى باج سىياسىتىدە باج سىياستىنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ كەسىپلەرگە قويۇلىدىغان چەكلىمە بىكار قىلىنىپ، بازار سۇبيېكتىغا ئادىل، بىرلىككە كەلگەن باج سىياسىتى مۇھىتى يارىتىپ بېرىلدى.

  كىشىلەر توپىغا قويۇلىدىغان چەكلىمە بىكار قىلىندى

  دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: ئىشسىزلار يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا، ھەر بىر تىجارەتچىگە يىلدا 8000 يۈەن سومما چەكلىمىسى بويىچە شۇ كىشىنىڭ شۇ يىلى ئەمەلىي تاپشۇرىدىغان تىجارەت بېجى قاتارلىقلار تەرتىپ بويىچە كېمەيتىلىدۇ؛ سودا كارخانىلىرى، مۇلازىمەت تىپىدىكى كارخانىلار، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى كارخانىلىرى ئارىسىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش تىپىدىكى كارخانىلار ۋە كوچا باشقارمىسى، مەھەللىلەردىكى پىششىقلاپ ئىشلەش خاراكتېرىدىكى كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ئەمەلىي گەۋدىلىرى ئىشسىزلىققا تىزىملاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقانلارنى قوبۇل قىلسا ئەمەلىي قوبۇل قىلغان ئادەم سانىغا قاراپ، تىجارەت بېجى نورما بويىچە كېمەيتىلىدۇ، نورما ئۆلچىمى ھەربىر كىشىنىڭ يىلدا 4000 يۈەن بولۇپ، يۇقىرى – تۆۋەن چېكىنىڭ ئۆزگىرىش نىسىبىتى %20 بولىدۇ.

  ئەسلىدىكى سىياسەتكە ئاساسەن، كارخانىلارنىڭ باج سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىدا، ئىش تېپىشى تەس بولغانلارنى قوبۇل قىلىش دائىرىسى دۆلەت كارخانىلىرىدىن ئىش ئورنىدىن قالغانلار، دۆلەت كارخانىلىرى تاقىلىپ ياكى ۋەيران بولغانلىقتىن ئورۇنلاشتۇرۇش زۆرۈر بولغانلار، دۆلەت كارخانىلىرى قۇرغان كوللېكتىپ كارخانىلار(زاۋۇتلار قۇرغان كوللېكتىپ كارخانىلار)دىن ئىش ئورنىدىن قالغانلار، شۇنداقلا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقىنىغا ھەم ئىش ئورنىدىغان قالغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان شەھەر – بازارلاردىكى باشقا تىزىملاتقان ئىشسىزلاردىن ئىبارەت تۆت تۈردىكى كىشىلەر توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  سۇڭ مىڭ مۇنداق دېدى: تەڭشەلگەندىن كېيىنكى يېڭى سىياسەتتە يۇقىرقى تۆت خىل كىشىلەر توپى بىردەك بىر خىل كىشىلەر توپىغا تەڭشەلدى ھەم جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدا ئىشسىزلىقىنى تىزىملاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ساھەسىدىكى سالاھىيىتىگە قويۇلىدىغان چەكلىمە بىكار قىلىندى، بۇ، كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارنى قوبۇل قىلىش باج سىياسىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە پايدىلىق.

  تېخىمۇ زور ئېتىبار بېرىلدى

  باج باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: كونا سىياسەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغانلار يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا، ھەر بىرىگە يىلدا 8000 يۈەن ئۆلچەم بويىچە چەكلىك سوممىدا باج كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ كارخانىلار ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغانلارنى قوبۇل قىلسا، ھەر بىر كىشى ئۈچۈن يىلدا 4000 يۈەن ئۆلچەم بويىچە باج كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن ئۆزگىرىش نىسبىتى%20 ئەتراپىدا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. تەڭشەلگەندىن كېيىنكى سىياسەتتە دۆلەت بەلگىلىك سوممىدا باج كەچۈرۈم قىلغاندىن باشقا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ بەلگىلىمە بويىچە ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ زور دەرىجىدە باجدا ئېتىبار بەرسە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

  بۇنىڭدىن باشقا، كونا سىياسەتتىكى باجنى كېمەيتىپ ئېلىش دائىرىسى تىجارەت بېجى، شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئاسراش بېجى، مائارىپ خىراجىتى قوشۇمچە ھەققى، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى، كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى؛ تەڭشەلگەندىن كېيىنكى سىياسەتتە، ئەسلىدىكى كېمەيتىپ ئېلىنىدىغان باج ئاساسىدا يەنە يەرلىكنىڭ مائارىپ خىراجىتى قوشۇمچە ھەققى قوشۇلدى.

  سۇڭ مىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر دۆلىتىمىز مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئائىت بىر يۈرۈش باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى، جۈملىدىن باج ئورگانلىرى مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇنلاردىن مېيىپلەرنى ئەمەلىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىغا قاراپ، قوشۇلما قىممەت بېجىنى چەكلىك سوممىدا ئالىدۇ ياكى كېمەيتىدۇ. كېيىنكى باسقۇچتا، ئالاقىدار تارماقلار بىرلىكتە مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت باج سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت بىلەن قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر